شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما تەستىق سۆزى ئەۋەتىپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پۇختا ئۈنۈم قازىنىش لازىم» دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان 2-قېتىمقى خىزمەت يىغىنىغا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچاڭ، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جوۋ يوڭكاڭ قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەنمۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، رىياسەتچىلىك قىلغان.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 2-قېتىملىق «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرى ۋە باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 1-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى توشۇش ھارپىسىدا ئاچقان بولسا، 2-قېتىملىق مەزكۇر ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى 5-ئىيۇلنىڭ 2 يىللىق خاتىرىسىگە ئاز قالغان كۈنلەردە شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قاتار خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك ۋەزىيەتلەر، جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەن، خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابلىرى چاقىرىقلىرى داۋاملاشقان پەيتتە ئاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ يىغىننىڭ يېقىندا ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ئېچىلغان ۋاقىتتىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا مەركەز ۋە 19 ئۆلكە ھەم شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبە-پىلانلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان.
شىنخۇاىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27-29-ماي كۈنلىرى داۋاملاشقان ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئاساسلىقى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا بىر يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش ۋە تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرىنى تۈزۈش ھەم ئوتتۇرىغا قويۇشقا قارىتىلغان. خىتاي رەھبەرلىرى سۆزلىرىدە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ زور بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ پىلانىنى تېخىمۇ تېز سۈرەتتە كېڭەيتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقى، بىخەتەرلىك ۋە قانۇن ساھەسىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان جوۋ يوڭكاڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان كونتروللۇقىنى يەنىلا كۈچەيتىشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكى، ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى تىنچىتىشنى مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىرىنچى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دىن كېيىن، ۋاڭ لېچۇئەن ئېلىپ كېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەن قويۇلۇپ، بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كېلىنگەنلىكى مەلۇم. جاڭ چۈنشەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇش پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تېز سۈرەتلىك ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەندەك شوئارلارنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەككە تىللىق، يەنى خىتاي تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت، مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ جاڭ چۈنشەننىڭ مۇنداق ئىسلاھات قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، جاڭ چۈنشەن دەۋرىدىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەممە ساھەدىن قوغلاپ چىقىرىلىۋاتقانلىقىن تەكىتلىدى. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشەن ۋاڭ لېچۇئەن دەۋرىدە باشلانغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەشكە ئۆزگەرتىش قەدىمىنى باسماسلىقى مۇمكىن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىشكە ئائىت قاراشلىرىغا باھا بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر شەھىرىنىڭ چېقىلىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار كۆچۈرۈلۈپ، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي نوپۇسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ قەشقەرنى غەربتىكى شېنجېن قىلىپ قۇرۇش ئارقىلىق بۇ جاينى ئىچكىرى خىتاي بىلەن ئوخشاش خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن شەھەرگە ئايلاندۇرۇش سۈرىتىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۆشۈكى قەشقەرنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى يەنە ئىچكى موڭغۇلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجىگە چىققان پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشىدا شەك يوق.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنىدا كونكرېت قانداق قارارلار قوبۇل قىلىنغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. بىراق، ئىككى كۈنلۈك يىغىندا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سۈرىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ھەم ئۆتكەن بىر يىلدا ئىگىلەنگەن تەجرىبە-ساۋاقلار مۇزاكىرە قىلىنىپ، يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلانلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى نەزەردىن يىراق ئەمەس.