1941 - يىلى برېست سېپىلىنى قوغداشتا ئۇيغۇرلارمۇ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن

يېقىندا «زونا كز نېت» تور گېزىتىدە سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى لەيلا ئەخمەتوۋانىڭ «1941 - يىلىنىڭ 22 - ئىيۇنى. قازاقىستانلىقلار - برېست سېپىلىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا 1941 - يىلنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنى باشلانغان ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى دەقىقىلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بولغان چېگرىسىدىكى برېست سېپىلىنى فاشىست باسقۇنچىلىرىدىن قوغدىغان قازاقىستانلىق قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ تىزىمى بېرىلگەن.

0:00 / 0:00


ماقالە ئاپتورى برېست سېپىلىنى قوغداشقا قازاقىستانلىقلارنىڭمۇ ئۆز تۆھپىسىنى قوشقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، بۇ تارىخنى ئۈگىنىشتە بەزى ئايدىڭلاشمىغان مەسىلىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە مەۋجۇتلىقىنى، بۇنى ئۈگىنىشنىڭ ھازىرقى تارىخچىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «بۇ، ئۆلگەنلەرگە ئەمەس! تىرىكلەرگە كېرەك!» دېگەن چاقىرىق بىلەن كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرگە مۇراجەت قىلغان لەيلا ئەخمەتوۋا تارىختىكى «ئاق داغلار» نى تولتۇرۇشقا، ئەينى تارىخنى تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ 1939 - ۋە 1940 - يىللىرى قازاقىستاننىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدىكى ھەربىي كومىسسارىياتلاردىن قىزىل ئارمىيە سېپىگە چاقىرتىلغان 456 كىشىنىڭ تىزىمىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماكان جايى، قاچان ۋە قەيەردىن چاقىرتىلغانلىقى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ قايسى تۈرىدە، قانداق لاۋازىم ۋە ئۇنۋانلاردا خىزمەت قىلغانلىقى، ئۆلگەنلىكى ياكى تىرىك قالغانلىقى ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇماتلار كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تىزىمدىكىلەر شۇ پەيتتە نەق برېست سېپىلىدا بولغانلار ھەم مۇشۇ يىلنىڭ 22 - ئىيۇن كۈنىگىچە ئېنىقلانغانلار بولۇپ، تىزىمغا كىرمەي قالغانلار يەنە كۆپ ئىكەن. مەسىلەن، تىزىمغا پەقەت بىۋاسىتە برېست سېپىلىدىكىلەر كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەرىكەت قىلغان قىسىملاردىكى جەڭچىلەرنىڭ ئىسىملىرى كىرگۈزۈلمىگەن.

تارىختىن مەلۇمكى، برېست سېپىلى دەسلەپكى قېتىم 1939 - يىلنىڭ 2 - سېنتەبىر كۈنى فاشىست باسقۇنچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئۇنى پولشا ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىلىرى قوغدىغان ھەم شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قەھرىمانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى نامايىش قىلغان ئىدى. گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ مۇستەقىل پولشا جۇمھۇرىيىتىگە بېسىپ كىرىشى بىلەن باشلانغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پەقەت 1945 - يىلنىڭ 1 - سېنتەبىر كۈنى تاماملاندى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا گېرمانىيە سوۋېتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پولشا ئەسكەرلىرىنىڭ برېست سېپىلىدىكى قارشىلىقىنى بېسىشقا كىرىشكەن ئىدى. شۇ يىلنىڭ 22 - سېنتەبىر كۈنى سېپىل قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كۈچ ئېلىشالمىغان گېرمان ئەسكەرلىرىگە قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى ياردەمگە كەلگەن ھەم گېرمانىيە ھۆكۈمىتى شەھەرنى قىزىل ئارمىيە قولىغا تەنتەنىلىك ھالدا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئامما پولياكلار دۈشمەننىڭ نەچچە قېتىملىق قاتتىق ھۇجۇملىرىنى قايتۇرۇپ، ھەر قاچاندا ئەسىرگە بېرىلىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئامما ئادەم سانى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئىنتايىن ئۈستۈن بولغان دۈشمەن نەتىجىدە قورغاننى ئالغان. كۆپلىگەن پولشا ئوفىتسېرلىرى ۋە جەڭچىلىرى قۇربان بولغان ۋە ئەسىرگە ئېلىنغان بولۇپ، تىرىك قالغانلار تۈرمىلەردە ئازابلانغان ۋە ئېتىپ تاشلانغان ئىدى. پولياكلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى گېرمانىيە ئەمەلگە ئاشۇرغانمۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلگە ئاشۇرغانمۇ دېگەن مەسىلە ئەتراپىدا مۇشۇ كۈنگىچە تالاش - تارتىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتىش كېرەك.

گېرمان فاشىستلىرىنىڭ برېست سېپىلىغا قىلغان ھۇجۇمى 1945 - يىلنىڭ 22 - ئىيۇنى كۈنى تەكرارلاندى. بۇ قېتىمدا ئۇنى قوغداش ئەمدى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى. شەھەر تۇيۇقسىز قاتتىق بومباردىمانغا ئۇچراپ، دەسلەپتىلا ئىنتايىن كۆپ ساندا ئەسكەرلەر ۋە تىنچ ئاھالە قۇربان بولدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندا سېپىلدا 15 مىڭ سوۋېت جەڭچىسى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى بولغان. دەسلەپكى جەڭلەردىلا كۆپلىگەن ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ئۇجۇقتۇرۇلغان، ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرى بولسا قورشاۋنى بۇزۇپ چىققان، كۆپ ساندا ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، سېپىلدا ئوتتۇرا ھېسابتا 3،5 - 4 مىڭ جەڭچى قالغان ئىدى. دۈشمەن كۈچى بولسا ئۇلاردىن ئون ھەسسە ئارتۇق بولغان. برېست قوغدىغۇچىلىرى تا ئاۋغۇست ئېيىغىچە، بەزى مەلۇماتلار بۇيىچە نويابىر ئايلىرىغىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن. 29 - ۋە 30 - ئىيۇن كۈنلىرى مابەينىدە فاشىستلار ئايروپلاندىن سېپىلغا 500 ۋە 1800 كىلوگراملىق ئېغىر بومبىلارنى تاشلىغان.

سېپىلنى قوغداشقا قاتناشقان جەڭچىلەر ئىچىدە 30 دىن ئوشۇق مىللەت ۋەكىللىرى بولۇپ، 200 گە يېقىنى جەڭچى ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى. سېپىل قوغدىغۇچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولغان. ل.ئەخمەتوۋانىڭ ماقالىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئالماتا ھەم تالدى - قورغان ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىن ئارمىيە سېپىگە چاقىرتىلغان 20 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. مەسىلەن، ئەمگەكچى - قازاق ناھىيىسىنىڭ تەشكەنساز، كۆك - تۆپە، جاناشار ۋە سادىر يېزىلىرىدىن جالاموف ئىمەر، سوپىيېف ئابلەھەت، ھوشۇروف ساۋۇت ۋە نىيازوف مەخسەت، چىلەك ناھىيىسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدىن ئابلابوف زوھرۇللا، ئىمىنوف ھېزىم، سوپىنىيازوف سادىر، ھەمرايېف مىرا، يۈسۈپوف مىجىت، قارىيوتىلىق ئالايېف روزاخۇن، مالىۋايلىق جەلىلوف غېناخۇن، شۇنداقلا تالدى - قورغان ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىن جەلىلوف ئەخمەت، ئىسلاموف ئابدۇللا، تۇردىيېف مۇھەممەت، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ تۈگمەن يېزىسىدىن زلاۋدىنوف جالال ۋە باشقىلار برېست سېپىلى ئۈچۈن بولغان جەڭلەردە قۇربان بولغان، بەزىلىرى بولسا قورشاۋنى بۇزۇپ چىقىپ، ھايات قالغان. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، ئۇيغۇرلارمۇ برېست سېپىلى ئۈچۈن بولغان جەڭلەردە قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەندۇر. مەسىلەن، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچى - قازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق كۆكتۆپە يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى كامالوف ئىمىناخۇن 1921 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 1940 - يىلى ئارمىيە سېپىگە چاقىرتىلغان. 125 - ئاتقۇچىلار پولكىنىڭ قاتاردىكى جەڭچىسى كامالوف ئى. ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنى قولىدىكى گرانات بىلەن دۈشمەن تانكىسى ئاستىغا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئەينە شۇنداق قەھرىمانلارنىڭ تىزىمىنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى دايىم ئەسلەش بۈگۈنكى ئەۋلاتلارنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر.