تۈرك ئوچاقلىرى جەمئىيىتى سامسۇن شۆبىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى دوكلات بەرگەن.
بۇ يىغىنغا سامسۇن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى تانەر گەنچ ئەپەندى، سامسۇن مەدەنىيەت سەنئەت ئىدارىسى باشلىقى نەجمى چاماش ئەپەندى، تۈرك ئوجاقلىرى جەمىيىتى سامسۇن شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى تۇنجەر چاغلايان ئەپەندى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
ئىلغار ئالپتېكىن "بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 60 - يىلىدا ئۇنتۇلغان ئاتا يۇرت شەرقىي تۈركىستان" تېمىسىدا قىلغان دوكلاتىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
ئۇ سۆزىدە 60 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نوپۇسى ۋە خىتاي كۆچ - كۆچىدىن كېيىنكى نوپۇسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان. بۇ يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يەر بېرىلدى.
بۇ خەۋەرنى
[ www.mynet.comOpens in new window ]
دىن 103 مىڭ 995 كىشى ئوقۇغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالالايمىز.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئىلغار ئالىپتېكىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇزۇن يىل تۈركىيىدە دۆلەت كادىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۈگەن. پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىشكە باشلىغان. بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بەرگەن ئىككىنچى دوكلاتى.
ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.