سامسۇن ئوندوقۇزىنجۇ مايىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.
سامسۇن ئوندوقۇزۇنجۇ مايىس ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات كۇلۇبى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
ئىلغار ئالىپتېكىن `شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى` تېمىسىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، دادىسى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئۇ يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. بۇ يىغىن ھەققىدىكى خەۋەرگە تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يەر بېرىلدى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئىلغار ئالىپتېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇزۇن يىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت كادىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىشكە باشلىغان. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.