ئىلھام مەخمۇت: ياپونلار خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا زېمىن مەسىلىسى يوق دەپ قارايدۇ

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت بۈگۈن، ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن ياۋروپا - ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇچرىشىپ، 25 مىنۇت سۆزلەشكەندىن كېيىن، ياپونلاردا قانداق ئىنكاس پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياۋروپا -ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، تۈنۈگۈن كەچلىك غىزادىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ كارىدوردا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، يان تەرەپتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا 25 مىنۇت سۆزلەشكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقى، مۇشۇ يىغىندا ئۆز- ئارا كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كان بىلەن ۋېننىڭ زېمىن مەسىلىسىدىكى پىكرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارزۇلىرى ئوخشايدىكەن

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقى بۇ قېتىم ئۇچرىشىپ قالغاندا، ۋېن جياباۋ 'دياۋيۈداۋ ئاراللىرى ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلىغان. نائوتوكانمۇ 'سېنكاكۇ ئاراللىرى ياپونىيىنىڭ زېمىنى' دەپ جاكارلىغان. گەرچە زېمىن مەسىلىسىدە بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ پىكرى پەقەت ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش ئارزۇلىرى ئوخشايدىكەن.

بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئەمەس، ئەمما جىددىيلىكنى پەسەيتىش جەھەتتە كۆرۈنگەن ئالامەت

بۈگۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرى، خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ، ۋېن جياباۋ بىلەن نائوتوكاننىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى، گەرچە خىتاي-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئارال ماجىراسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە يۈز بەرگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، ئەمما، قانداقلا بولمىسۇن، جىددىيلىكنى پەسەيتىش جەھەتتە كۆرۈنگەن بىر خىل ئالامەت قارىدى.

'كان بىلەن ۋېننىڭ ئۇچرىشىشى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس'

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت، ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، تۈنۈگۈن كەچتە بريۇسسېلدا ئۇچرىشىپ 25 مىنۇت سۆزلەشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ياپونلاردا قانداق ئىنكاس پەيدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئىلھام ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نائوتوكان بىلەن ۋېن جياباۋنىڭ ئۇچرىشىشىنى تاسادىپىي ئەھۋال ئەمەس دەپ قارايدىغان ياپونلار كۆپ.

'ۋېن ياپونلارنى قايمۇقتۇرماقچى'

ئىلھام ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش مۇھىم دېگىنى پەقەت ياپونلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپ، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت، دەپ قارايدىكەن.

'ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چېگرا مەسىلىسى يوق'

ئىلھام ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىدە مۇتلەق كۆپ سانلىق ئادەم ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چېگرا مەسىلىسى يوق دەپ قارايدۇ.

كېمە ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى

ئىلھام ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېمە ۋەقەسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ياپونلارنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.