ئىلھام مەخمۇت: 'ئەگەر ياپونلار ئۆزىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى قوغدىمىسا، ئۇيغۇرلاردەك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ'

خىتاينىڭ بەش شەھىرىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەردى. ياپونىيىدىمۇ توكيودا خىتايغا قارشى نامايىش يۈز بەردى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ياپونىيىدە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى نامايىشنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدى.

0:00 / 0:00

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام توختى بۇ نامايىشتا، ئەگەر ياپونلار سېنكاكۇ ئاراللىرىنى قوغدىمىسا، ئۇيغۇرلاردەك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، دەپ قەيت قىلغان.

"خىتايغا نەزەر" تور گېزىتى ئۆتكەن شەنبە كۈنى، خىتايدا يۈز بەرگەن ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ھەققىدە ۋە شۇ كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى نامايىش ھەققىدە نەق مەيداندىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى.

نامايىشنىڭ شوئارلىرى

ئۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى نامايىشتا، ياپونلار "ياپونىيە ئۆزىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى قوغدايدۇ"، "سېنكاكۇ ئاراللىرىغا خىتاينىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ" دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان.

Ilxam-maxmut-yaponiye-xitaygha-qarshi-namayishida-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ. (ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.)

خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا، خىتايلار "ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرەيلى"، "دياۋيۇ ئاراللىرىنى قايتۇرۇۋالايلى" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان. جېڭجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا بولسا، خىتايلار "ياپون پاپىلىرىنى يوقىتايلى"، "ياپون شالغۇتلىرى جۇڭگودىن چىقىپ كەتسۇن" دېگەنگە ئوخشاش مەدەنىيەت قېلىپىدىن چىققان سۆزلەرنى قوللانغان.

خىتايدا بۈگۈنمۇ ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەردى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن (دۈشەنبە كۈنى) خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە يەنە ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەردى. خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى مىڭ كىشىلىك نامايىش دەپ ئاتىغان بۇ نامايىشتا "ياپون ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى" دېگەن شوئار توۋلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ نىشانىنى بۇراش ئۈچۈن نامايىش ئۇيۇشتۇردى

ياپونىيىدە چىقىدىغان "فۇجى كەچلىك گېزىتى" نىڭ بايان قىلىشىچە، 16‏ - ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شىئەن، جېڭجۇ، چېڭدۇ شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن يەنە ميەنياڭ شەھىرىدە 30 مىڭ كىشىلىك نامايىش يۈز بەردى. بۇ نامايىشتا خىتايلار ياپونىيە ماللىرى سېتىلىدىغان دۇكانلارغا ھۇجۇم قىلدى.

بۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ نامايىش قىلىشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت، ئەمما ھازىر، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانى ليۇ شاۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەقسەتلىك ھالدا ياپونىيىنىڭ ئەلچىخانىلىرى يوق شەھەرلەردە ياپونغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇردى ۋە بۇنداق نامايىشلار ئارقىلىق ۋەقە پەيدا قىلىپ، خەلقنىڭ نىشانىنى بۇرىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ياپونىيىدىكى نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. ئىلھام توختى ئۆزى بۇ نامايىشتا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر ياپونلار ئۆزىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى قوغدىمىسا، ئۇيغۇرلاردەك ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، دېگەن.

ئىلھام مەخمۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ياپونىيىدىكى خىتايغا نامايىشتا ياپونىيىلىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىگە بولغان ۋە ياپونلار بىلەن بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.