ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن يېڭى ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەن ھەم مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىنكى ۋەزىيىتى، ھېلىغىچە تاقاقلىق ھالەتتە تۇرغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەم غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىسمىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
شۇنداقلا سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، ئۆزىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلەنگەن يېڭى ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ رايوندا قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى، ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە يېڭى بىر ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.