ئىلھام توختى بۇ زىيارىتىدە ئاساسلىقى، فرانسىيىدىكى كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى ھەققىدە ۋە فرانسىيىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدە كۆزىتىش ئېلىپ بارىدۇ.
ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى ئۈستىدىكى بىر قىسىم پائالىيەتلىرى بېيجىڭدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكالەتخانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىلىرى ئىلھام توختىنى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 8 قېتىم لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. ئىلھام توختى لېكسىيىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەرگەن.
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىش پروگراممىسى بويىچە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى فرانسىيىگە بىر ھەپتىلىك زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يېقىنقى 10 - 20 يىل ئىچىدە مەيلى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مەيلى ئۇيغۇر كادىرلىرى ئىچىدە بولسۇن، چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىپ ۋە زىيارەتتىن كېيىن خىتايغا قايتىپ كېتىش ئەھۋالىدا تۇرۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاشكارا بايان قىلىش جاسارىتى بەلكىم بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈۋاتسا كېرەك.
ئىلھام توختىنىڭ بۇ ھەققانىي پوزىتسىيىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ خىتايغا قايتقاندا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئۇ قانۇنىي ھەق - ھوقۇق مەسىلىسىدە راست گەپ قىلىشنىڭ ھەم جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا، مۇتەخەسسىس ئىلھام توختىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەنقىدى قاراشلىرىنى سىلەرگە سۇنىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ مەزكۇر زىيارەت ھەققىدە تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.