ئىلھام توختى، قاينام جاپپارنىڭ يارىلىنىش ۋەقەسى ھەم ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق خەتتات، فوتوگراف، شىنجاڭ قانۇنچىلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ 3 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغانلىقى ۋەقەسى ھەم ئۈرۈمچى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

0:00 / 0:00

قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ 3 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە خەلق مەيدانىدا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن نامايىشتىن يانغان خىتاي زوراۋانلىرى تەرىپىدىن، ئۆز مەھەللىسى بەخت يولىدىكى ناۋايخانا يېنىدا ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۇيغۇربىز تور بېكىتى ھەم ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىتاي بولۇمى قاتارلىق مەتبۇئاتلار يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى خەۋەر قىلغان ئىدى.

تۈنۈگۈن كېچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەنمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە خەت يېزىپ،قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىللە، قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇنىڭ ھۆسنىخەتلىرىدىن 2 پارچىنى ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى.

Qaynam-Jappar-ependi-Qush-xet-385.jpg
ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 2005 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. (سۈرەتنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى تەمىنلىگەن.)

بىز قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ يارىلىنىش سەۋەبى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەم ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىگىلەش مەقسىتىدە ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ يارىلىنىش سەۋەبى ھەم ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئىلھام توختى ئەپەندى قاينام جاپپار ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتات، فوتوگراف ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى غەيرەتجان نىياز ئەپەندىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەرنى ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى، قاينام جاپپار ئەپەندىگە ئوخشاش بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇش قىلمىشىغا قارىتا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2 - سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشى ھەم نامايىشتىن كېيىن بىر قىسىم خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۇچرىغانلىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش قىلمىشىنىڭمۇ ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ قانۇنىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ "يىڭنە سانجىش ۋەقەسى"نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى سەگەكلىك بىلەن ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ھازىر ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى جىددىيلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خىزمىتىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىشقا ئېتىبار بېرىشىنى، قانۇن بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشى ھەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلارغا نىسبەتەن مەيلى ئۇ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قانۇن بويىچە، خەلقنىڭ رايى بويىچە ئادىللىق بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدە تۇرۇپ، ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن سەگەك مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا، مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھىسياتىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى، مىللەتلەرگە قانۇن بويىچە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى، خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ قانۇنىي ساپا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، ھازىرقى ۋەزىيەت كېڭىيىپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ئۆچمەنلىككە ئايلىنىپ كەتسە، بۇنىڭ ھەر ئىككى مىللەت ئۇچۇن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى،ئىنسانى باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مەسىلىنى قانۇن بويىچە ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ھەر قانداق زوراۋانلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى، مەيلى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رادىكال كۈچلەر بولسۇن ياكى خىتاي مىللىتى ئارىسىدىكى رادىكال كۈچلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئۆزىنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋاستىلىق يوللار ئارقىلىق ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خەلق مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ قانۇن بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مىللىي باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى ئادىللىق بىلەن، قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.