2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ، نەزەربەند قىلىنىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمىغان ئىدى. تۈنۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغان قىزىنىڭمۇ بېيجىڭدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ئۆتكۈر پىكىرلىك يازمىلىرى بىلەن خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. 2005-يىلى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتاي تىلىدىكى ئۇيغۇربىز تور بېكىتى ھەم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ئىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىكى ماقالىلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.
بولۇپمۇ، 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدا كۆپ قېتىم نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى.دائىرىلەر رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىلمىي پائالىيەتلەر ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشى ھەتتا ئۆز يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىشىنىمۇ چەكلىگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يەنە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئائىلە بويىچە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭمۇ بېيجىڭدىن ئايرىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى سۆزىدە بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان قىزىنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ چەتئەلگە چىقىشتىن توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىمىنىڭ نازارىتى ئاستىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندىن بۇيان، خىتايدا دېموكراتىك ئىدىيىدىكى زىيالىيلارغا قارىتىلغان بېسىم ھەم نازارەت تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. بولۇپمۇ، ئىلھام توختى، خادا، ۋوئىسېر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت زىيالىيلىرىغا قارىتىلغان نازارەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئىچىدىكى نورمال پائالىيەتلىرىمۇ قاتتىق چەكلەنمەكتە ئىكەن.