ئىلھام توختى: ھالقىسىمان تەرەققىيات ئۇيغۇرلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا

ئىلھام توختى ئەپەندى رادىئومىز مۇخبىرى بىلەن بولغان سۆھبەت داۋامىدا، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزى ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى ئەپەندى، 2009-يىلىدىكى «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى جەريانىدا، گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش تەرەپدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ نەچچە 10 يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۆز ھەق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا خاتا ھالدا ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر ياشلىرى مەسىلىسىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ تولىمۇ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، رايوندا ئۇيغۇرلار تەلەپ قىلىۋاتقان قانۇن جەھەتتىكى باراۋەرلىك، مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھالقىسىمان تەرەققىيات نامىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەرگە رايوندىكى بايلىقلارنى ئېچىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما رايوندىكى يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇر قاتارلىقلارنى بۇ تەرەققىيات پىلانىنىڭ سىرتىدا قالدۇرغانلىقىنى تەنقىدلىدى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، خىتاي قانۇنى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنى ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىشى، خىتاينىڭ قانۇن دائىرىسىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن دادىللىق بىلەن سۆزلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.