ئىلھام توختى يېقىنقى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن يەنە ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىدى

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى «ئۇيفۇربىز» تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختىنى، «ئۇيفۇربىز» تور بېكىتىدە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىم ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى سەۋەبلىك ئاگاھلاندۇرغان.

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، «ئۇيفۇربىز» تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، 8-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن «چاي ئىچىش» نامىدا ئېلىپ كېتىلىپ يەنە سوراق قىلىنغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم خىتاي دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن «چاي سۆھبىتى»گە ئېلىپ كېتىلىشى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ھەم «ئۇيفۇربىز» تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خىتايدىكى دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر سەۋەبىدىن ئىكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى ساھىبلىقىدىكى «ئۇيفۇربىز» تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، بۇ يىل رامىزان كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلەر ھەم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ھەققىدىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرى كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلار ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىدلىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان تۇتۇشى چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىڭ قاتارلىقلار، «رامىزان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت كادىرلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكىلەرنىڭ روزا تۇتماسلىقى تەشەببۇس قىلىنغانلىقى» نى تەكىتلەپ، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى ئىنگلىزچە خەۋىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئۇيفۇربىز» تورىنىڭ 7-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان، دائىرىلەرنىڭ 20-ئىيۇلدىن باشلاپ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇلغان. «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، غۇلجا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئاخبارات خادىمى لياڭ سىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئوت ئۆچۈرۈش مەشىقلىرىدە ھېچقانداق سىياسىي مەقسەت يوقلۇقى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ پەقەت دائىملىق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، «ئۇيفۇربىز تورى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور» دەپ ئەيىبلەنگەن.

ئەمما، مەزكۇر خەۋەرگە يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناماز ئوقۇلۇۋاتقاندا ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن ئىبارەت ساختا سەۋەبلىرىگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس يازغان تورداشلار يەنە، دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلار ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەندىن باشقا، ھەتتا ئاۋام پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ھەم كىيىنىشلىرىگىمۇ تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەم مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى رامىزان كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ئەلجەزىرە، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم دىنىي چەكلىمىلەر ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان. ئىلھام توختى ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەم ئۆرپ-ئادىتىدىن ئىبارەت نازۇك ھېسسىياتىغا تاقىلىدىغان بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن «چاي سۆھبىتى» گە ئېلىپ كېتىلىشى، «ئۇيفۇربىز» تور بېكىتىدىكى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان چەكلىمىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنى تەنقىدلىگىنى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان خىتاي ۋەزىيىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى ھارپىسى مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى ئەرزدارلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئىپادىلىگەن ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش زىيالىيلار خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ھەم دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ نازارەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان.