مۇستەقىل تەتقىقاتچى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن «بىڭتۇەن» يەنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ھەققىدىمۇ توختالغان ئىدى.
ئۇ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىن ئىبارەت بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئورگاننىڭ پۈتۈن خىتاي بويىچە پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېرىشىۋاتقان ئىمتىيازلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مىللىي تېررىتورىيىلىك رايوندىن كۆپ دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورنىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى ئەمىلى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى بايانىدا يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى سىياسىي ئورنى ۋە تەسىر دائىرىسىنىڭ خىتايدىكى تىبەت، موڭغۇل، تۇڭگان، جۇاڭزۇ قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن چىققان كادىرلاردىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىلھام ئەپەندى، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ مەيلى سان جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ھوقۇق جەھەتتە بولسۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قىلىنىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ماددىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت ۋە رايوندا بىڭتۇەننىڭ ئېرىشىۋاتقان ئىمتىيازلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەپ بېرىشىدەك ۋەزىيەتكە شى جىڭپىڭ قاتارلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ جىددىي قارىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.