"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتىدە تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەم بۇ يىل 5 - ئاي مەزگىلىدە بېيجىڭدا "شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى" ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 29 - ۋە 30 - كۈنلىرى "شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى"نىڭ تەييارلىق يىغىنى سۈپىتىدە، بېيجىڭدا "شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش" يىغىنى ئاچقان، يىغىنغا خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. يىغىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى "شىنجاڭ" خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ يىغىن ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇندىن كېيىن يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەتكە نىسبەتەن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى، ئاۋۋال رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېقىشى يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن نىسبەتەن تونۇش بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى، يەرلىك خەلق بۇ سىياسەتنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىنىدىغان سىياسەتلەر ھەم بۇ سىياسەتلەرنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ قېتىمقى "شىنجاڭغا ياردەم" سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايونغا مەبلەغ سېلىش جەريانىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، پاراۋانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىم ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونغا مەبلەغ سېلىش ئاساس قىلىنغانلىقىنى، رايوننىڭ مۇھىت مەسىلىسى، مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىلىشى، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت، تىل، يەرلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ قېتىم بەلگىلەنگەن سىياسەتكە نىسبەتەن ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ، ئەگەر مەركىزى ھۆكۈمەت بۇندىن كېيىن رايوندا يۈرگۈزمەكچى بولغان سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەمەلىيلەشسە رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
