بۇ ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ مىللەتلەر مەسىلىسى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن، مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ سەزگۈرلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇنجى قېتىملىق تەكلىپنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىلھام توختى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئاۋۋال، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى، ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىق ئەھۋالى، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سەۋەبلىك مىللىي كىملىكنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپ قېتىم تەكلىپ سۇنغان؛ ئۇ بۇ سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇربىز تور بېتى تاقىۋېتىلگەن ئىدى.
ئىلھام توختى بۇ قېتىمقى تەكلىپ دوكلاتىنى مۇنداق باشلىغان: "تاكسىچىلىك مۇلازىمىتى، بىر شەھەردىكى مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى، تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە 6600 نەپەر تاكسىچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 100 تاكسىچى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن."
تەكلىپنامىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئىزدەش، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆپلەپ ساندا كۆچۈپ كەلگەنلىكى، بۇلارنىڭ خىتاي تىلىنى چۈشىنىش سەۋىيىسىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكى، شۇڭا بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇر تاكىسىچىلارنىڭ بولۇشىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەبئىي ئېھتىياجى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشىنىش كەيپىياتىنىڭ تامامەن يوقالغانلىقى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان نۇقتىدۇر.
مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار مەيلى سودا - تىجارەت، مەيلى قاتناش - ترانسپورت ساھەسىدە بولسۇن، مۇمكىن قەدەر بىر - بىرىدىن ئۆزىنى چەتكە تارتماقتا.
ئىلھام توختى تەكلىپنامىسىدا دەل بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خەنزۇ تاكسىچىلار ئۇيغۇر خېرىدارلارنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئۇيغۇر تاكسىچىلار خىتاي خېرىدارلارنى قوبۇل قىلمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ نۆۋەتتە توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەھۋال، بۇ ۋەزىيەتنى 1- 2 كۈن ئىچىدە ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۆز - ئارا ئىشىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، توغرا يېتەكلەش ۋە توغرا تەسىر كۆرسىتىشكە مۇھتاج."
ئىلھام توختى تەكلىپنامىسىدا، ئەگەر ئۇيغۇر تاكسىچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلسە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتىدىكى بىر مەسىلە ھەل بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ھەل بولىدىغانلىقى، نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ئىمكاندىن پايدىلىنالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى 90 - يىللاردىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقئارالىق سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن سودا - تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچىدىكى چەتئەللىك سودا - تىجارەتچىلەر نىسبىتىدە ئاساسى سالماقنى ئىگىلىمەكتە. مانا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىلھام توختى تەكلىپنامىسىدا مۇنداق دېگەن: "تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەربەيجان قاتارلىق تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچىدە تىل قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە، ئۇيغۇرلار بىلەن بۇلارنىڭ ئارىسىدا تىل مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ئۈرۈمچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان تاكسىچىلارنىڭ كۆپەيتىلىشى، ئۈرۈمچىنىڭ چەتئەللىكلەر مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈنمۇ بىر چارە."
ئىلھام توختى تەكلىپنامىسىدا، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەن، تاكسىيچىلىقنىڭ بەك يۇقىرى ئىقتىسادىي مەبلەغ تەلەپ قىلمايدىغان، ھەم بەك يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان؛ پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بولسىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپەيتكىلى بولىدىغان بىر ساھە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ رايوندىكى مىللىي تەڭسىزلىكنى ئازايتىشتا بەلگىلىك رولى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
تەكلىپنامە خىتاي مەركىزى مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا، مىللىي ئىشلار تەتقىقات مەركىزىگە ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسەت تەتقىقات مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن. خەتنىڭ بىر نۇسخىسى چەتئەلدە ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.
ئىلھام توختى، بۈگۈن بۇ قېتىمقى تەكلىپى ھەققىدە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تاكسىچىلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىلەرنىڭ پەقەت بىرسى ئىكەنلىكىنى، مەسىلىلەرنى قېيىداش، ئاچچىقلاش كەيپىياتى بىلەن تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، مەسىلىلەرنى ھەر ۋاقىت مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ ئەمەس، بەزىدە شەرت - شارائىتقا قاراپ ئوتتۇرىغا قويۇش لازىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.