ئىلھام توختىنىڭ باياناتىغا پروف. در. ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بەرگەن باھاسى

مۇستەقىل تەتقىقاتچى، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ فرانسىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا راديومىزغا بەرگەن باياناتلىرى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

0:00 / 0:00

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ كۆپى ئىلھام توختىنىڭ بۇ باياناتىنى ئالقىشلىدى. ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋەتەن ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر ئىلمىي خادىمنىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ باياناتلىرىنىڭ چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چەتئەل جامائەتچىلىكىگە دەپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يەنە ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ خىتايدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى بۇنداق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خەلقارادا ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى، ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقسىزلىقلاردىكى پۈتۈن مەسۇلىيىتىنى يەرلىك ھۆكۈمەتتە دېيىشنىڭ گۆدەكلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھەر مەسىلىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىختىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇلاردىن باشقا پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.