بېشكەكتە 'ئىلى ئەرلەر تولۇق ئورتا مەكتىپى' خاتىرىلەندى

سابىق "ئىلى ئەرلەر تولۇق ئورتا مەكتىپى" ئىلىنىڭ داڭلىق مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1930 ‏- يىللاردا قۇرۇلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسى دەپ ئاتالغان. كېيىنكى يىللاردا ئەخمەتجان نامىدىكى ئىلى ئالىي بىلىم يۇرتى دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەر يېتىشىپ چىققان بۇ مەكتەپ، ئەپسۇسكى كېيىنكى يىللاردا خىتاي مەكتىپىكە ئۆزگەرتىلىپ، تارىخىي گىمنازىيىنىڭ ئەسلى بىناسى چېقىۋېتىلگەن.

ھازىر قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان، لېكىن بۇرۇن بۇ مەكتەپنى ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يېقىندا بېشكەك شەھىرىگە يىغىلىپ، بۇ مەكتەپنى خاتىرىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.