خىتاي ھۆكۈمىتى 80-يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ شەرقتە گۇاڭجۇ، شاڭخەي، غەربتە ئالمائاتا، بىشكەك ۋە تاشكەنتلەردىن دەرۋازىسىنى چەككەن سودا تىجارەتكە ماھىر ئىلى ئوغلانلىرى، ئەينى چاغدىكى بۇ قايناق سودا جۇغراپىيىسىدە موكىدەك قاتناپ يۈرۈپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئاتا، بوۋىلىرىدىن مىراس بولۇپ قالغان: « پۇل تاپقاندا مەكتەپ سال، بالا ئوقۇت» دېگەن ئۇدۇمغا ۋارىسلىق قىلىپ ئىلى ۋادىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئۆچمەس سەھىپىلەر ياراتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىدىكى ئىلى ۋادىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا، ئەينى يىللاردا ئىلى خەلقى تەرىپىدىن :« ئىلى ۋادىسىدا چاقنىغان ئۈچ گۆھەر» دەپ تەرىپلەنگەن، ئىلى تەڭرىتاغ كەسپى مەكتىپى، نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپى ۋە ئابلىمىت خالىس ھاجىم قاتارلىق ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر باي، سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىپ قۇرغان خالىس فوندى جەمئىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى يىللاردىكى ئىلى خەلقىنىڭ ئومۇمى مائارىپ مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئۈچ ئورگان ئىلى ۋادىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئومۇرتقىسىغا ئايلانغان. مەسىلەن، ئىلى تەڭرىتاغ كەسپى مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىلى خەلقى تەرىپىدىن غوپۇر شام دەپ تەرىپلەنگەن مەرھۇم غوپۇر زاھىر ئەپەندى، ئىلى ۋادىسىدىكى مول يايلاق بايلىقىنىڭ چارۋا مال بورداقچىلىقىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، نىلقا، تېكەس ۋە كۈنەس يايلاقلىرىدا چارۋا مال بورداقچىلىقىنى يولغا قويۇپ، بۇ كەسىپكە غۇلجىدىكى نۇرغۇنلىغان باي سودىگەرلەرنى جەلپ قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق كىرگەن كىرىمنى ئىلى تەڭرىتاغ كەسپى مەكتىپى ئۈچۈن ئىشلىتىپ نۇرغۇنلىغان ياشلارنى نۆۋەتتە ئېقىۋاتقان ئەمەلىي ھۈنەر كەسىپلەر بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى سەلىمە كامال خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلىدا قۇرۇلغان خالىس فوندى جەمئىيىتى، غەرب دەۋلەتلىرىنىڭ مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە،90-يىللاردىلا ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغان ۋە چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ مائارىپ ساھەسىدە تېخى بۇنداق بىر ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتمىگەن ئىكەن.
ئىلى ۋادىسىدا تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مائارىپ سۆيەر روھقا ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەلىمە خانىم بۇ خىل روھنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىلى ۋادىسىدىكى ئوغلانلارغا ھەيكەل تۇرغۇزۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ۋادىسىدا چاقنىغان 3 گۆھەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن ئىلى نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرتاي ھاجىم، 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە بىر مىليون 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ ئىلى نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپىنى قۇرغاندىن باشقا، ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆز سودا تىجارىتىدىكى كېلەچەكتە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان ئېگىز-پەسلىكلەرنىمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدا، تۇنجى قاراردا قوبۇل قىلىنغان 20 ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان 11 يىللىق مائارىپ تەربىيىسى ئۈچۈن كېتىدىغان بارلىق چىقىملارنى ئايرىم بانكا ھېسابى ئېچىپ ئايرىۋەتكەن.
ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە تەتقىقاتلاردا بولۇۋاتقان بەزى ئانالىزچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مائارىپىنى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىنتايىن ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئىزچىل ھالدا بۇ مائارىپقا چىدىماسلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.