ئۇيغۇر ئىلى خەلقى ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نېمە؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېكىتكەن ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا «تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ بايانات بەردى

0:00 / 0:00

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان بارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىلىرىنىڭ مەقسىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش دەپ تەكىتلىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر ئۆتكەنكى قېتىملىق پروگراممىمىزدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ بايانلىرىغا قارشى ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. بۈگۈن ئۇلار يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نېمە، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.