بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، جەمئىيەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلار ۋە تۈركىيىدە چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلاردىن تەركىب تاپقان 60 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئابدۇلھەمىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ سۆزىدە بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي سەۋىيىسى يۇقىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ، بۇ يىغىننىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىپ كېيىنكى ئىلمىي ۋە خىزمەت ھاياتىغا ئۇل سېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلھەمىت ئەپەندى يەنە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە تارىيىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ زاماننىڭ كەينىدە قالمىغانلىقى، دۇنيادىكى ئىلغار تىللارغا ئوخشاشلا يۇقىرى سەۋىيىلىك، ئىلىم ساھەسىدىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا قوللانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش جەھەتتىكى ئەھمىيەتلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتور ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 9 كىشى ئۆز كەسىپلىرى بويىچە، جۈملىدىن، قەدىمكى ئۇيغۇرچە--خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى، ئىقتىساد ۋە بازار ئىگىلىكى ھەم باشقا ساھەلەر بويىچە ئىلمىي دوكلات ئوقۇدى.
ئۇلار ئوقۇغان دوكلاتلار ئارىسىدا "ئالتۇن ۋە تاشقى پېرېۋوت"، "بازار ئىلمى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە"، "پۇل-مۇئامىلە ۋە ئۇنىڭ سىياسەتكە بولغان تەسىرى"، "سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسى ۋە سىگنال ئانالىزى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە" دېگەن تېمىلاردىكى دوكلاتلار ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى.
ھەر بىر دوكلات تەقدىم قىلىنغاندىن كېيىن سوئال-جاۋاب شەكىلدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن جەريانىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن "غەزەپ ۋە زار"، "ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش" دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.