«تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى: باشلانغۇچ مەزگىلى ۋە يېزىقلار مەزگىلى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 8-ئاينىڭ 15-ۋە 16-كۈنلىرى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇلانباتوردىكى چىڭگىزخان مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، كۆكتۈرك دۆلىتى، ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە ئىدىقۇت دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىتت كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. 16 دۆلەتتىن 70 تۈركولوگ، ئارخېئولوگ ۋە تارىخچى قاتناشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بەزى موڭغۇل ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر مەزگىلىگە ئائىت كۆپ ساندا يېڭى ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن باشقا كۆكتۈرك دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن موڭغۇلىيىدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىندا كۆكتۈرك دۆلىتى تارىخى ھەققىدە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن قىزىقارلىق ئىلمىي ماقالىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بۈگۈنكى يىغىندىمۇ تىل، تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۆزبېك تارىخچى در.گايبۇللاھ بابايار ئەپەندى غەربىي كۆكتۈرك دۆلىتى مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن پۇل ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ ماقالىسىدە ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەسىردە ئىشلىتىلگەن پۇللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. يەنە بىر قىزىقارلىق دوكلات كۆكتۈرك دۆلىتى ئەسكەرلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە قورال-ياراقلىرى ھەققىدە بولدى. بۇ دوكلاتنى موڭغۇلىيىلىك تارىخچى پروفېسسور بازارسۇرېن جامبىن بەردى. مەنچە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت كۆپ ساندا يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تارىخ تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن يېڭى ھەسسە.
در. قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى يىغىندا بىر موڭغۇل ئارخېئولوگنىڭ موڭغۇلىيىدىن سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئولتۇرغان ئۆيلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-موڭغۇل كەسىپدېشىمىز ئودباتار سەرەندورجىن بىلەن ئانكبايار باتسۇرى دوكلاتىدا ئىككى-ئۈچ يىلدىن بېرى موڭغۇلىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش خىزمىتىنى ئاڭلاتتى. بۇ قېزىشتا «مۇراتبا» دەپ ئاتىلىدىغان تۆت چاسا بىر ئولتۇراق جاي تېپىلغان. بۇنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 84 مېتىر كەڭلىكى 80 مېتىر ئىكەن. يىغىندا بىزگە بۇنى تونۇشتۇردى. بۇ ئولتۇراق جايدىن نۇرغۇن نەرسە تېپىلىپتۇ بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئېجدىرھا بېشىمۇ بار ئىكەن. ئەڭ قىزىقارلىقى شۇكى بۇ ئۆيلەر تېپىلغان يەر ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى قارابالاساغۇنغا 20 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ 750-يىللىرىدا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىكەن. بۇ يەردىكى قېزىش ئىشلىرى تېخى تاماملانماپتۇ تاماملانسا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. موڭغۇل پروفېسسورنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان قارابالاساغۇندىكى بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى ئىكەن. مەنچە بۇ بەك مۇھىم چۈنكى 750 يىلى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ باشلانغۇچ مەزگىلى يانى ئۇيغۇرلار يېڭى شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن مەزگىل.
در. قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى تۈرك تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رولىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئومۇمىي تۈرك تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ رولى بەك مۇھىم، چۈنكى 745-يىلىدىن باشلاپ ئورخۇن-يېنىسەي رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە باشقا مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇيغۇر مەزگىلىدە خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتمۇ كۈچىيىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن باشقا مىللەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قۇرۇشقا باشلايدۇ. 740-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار كۆچمەن مەدەنىيىتى بىلەن شەھەر مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر مەدەنىيەت يارىتىشقا باشلايدۇ. يەنى، ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۆچمەنلىك تۇرمۇشىدىن شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بىر خەلق دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن ئارىز ۋە ئەركىن ئەكرەمدىن باشقا يەنە ياپونىيىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مىركامىل ھەيدەرمۇ قاتناشقان ۋە ئىلمىي دوكلات بەرگەن.
بۇ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تىل ۋە تارىخ ئالىي ئىدارىسى بىلەن موڭغۇلىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىلىم ئادەملىرى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋە 18-كۈنلىرى كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت تارىخىي ئەسەرە-ئەتىقىلەرنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.