ئۇلانباتوردىكى چىڭگىزخان مېھمانخانىسىدا باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن، تۈرك مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى باشلىقى پروف. در. دۇرسۇن يىلدىرىم، موڭغۇلىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. تومۇر ئوچىر سانجبەگز ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇلانباتوردىكى ئەلچىسى ئاسىم ئارار ئەپەندى ۋە بىر قىسىم موڭغۇل رەھبەرلىرى قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا، گېرمانىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى، فىنلاندىيە، ئىسپانىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، خىتاي، كورىيە ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن 70 تۈركولوگ ھەم تارىخچى قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر 12 گۇرۇپپا بويىچە ئىككى كۈن تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇر قالغانلىقى ۋە قوچۇ ئىدىقۇت دۆلىتى تارىخى مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتىلىدىغان ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىندا موڭغۇلىيىلىك ئالىملاردىن پروف. در. ئوچىر ئايۇدائىن ئەپەندى «ئۇيغۇر دەۋرىگە دائىر بىر قورغان»، در. ئۆلزىبايار سودنومين «ئۇيغۇر دەۋرىگە ئائىت بىر مازار» ماۋزۇلىرىدىكى ماقالىلەرنى، ئۇيغۇرلاردىن تۈركىيە ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم «ئۇيغۇر رەئىسى بوزۇق ھەققىدە» دېگەن تېمىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئارىز ئەپەندى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆكتۈركچە ئاتالغۇلار» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بېرىدىكەن.
بۇلاردىن باشقا كۆپ ساندا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىغىندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن در. ئەركىن ئارىز ۋە ئەركىن ئەكرەمدىن باشقا ياپونىيىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مىركامىل ھەيدەرمۇ قاتناشماقتا.
مەزكۇر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت تىل ۋە تارىخ ئالىي ئىدارىسى بىلەن موڭغۇلىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر يىغىن جەريانىدا كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىگە ئائىت تارىخىي ئەسارى-ئەتىقىلەرنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان تارىخچى، در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.