خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(3)
2005.12.21
20- دېكابىر كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پەرھات ياسىنى، ئايالى ۋە بالا-چاقلىرىنى ئامېرىكىغا چىقىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، خىتايغا خىزمەت قىلىشقا زورلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ھەمدە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن پەرھات ياسىن ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن تېلېفون سۆھبەتلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ئامېرىكىدا پەقەت پەرھات ياسىنغىلا ئەمەس، يەنە باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى بەزىدە چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن، بەزىدە تۈرلۈك تەھدىتلەر ئىشلىتىش ئارقىلىق خىتايغا خىزمەت قىلىشقا قايىل قىلىشقا تىرىشقان.
7 يىلدىن بىرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تېلېفون ئارقىلىق مۇناسىۋەت قىلىپ، خىتايغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن قايىل قىلىشقا تىرىشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىرى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ ئىليار شەمشىدىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(2)
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(1)
- خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەجبۇرلىماقتا