ئۇيغۇر ئىلىدە ئىماملارغا لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئېلىش ئۆلچىمى قويۇلدى
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، "ئىسلام دىنى خادىملىرىنىڭ لاياقىتىنى بەلگىلەش ئۇسۇلى" ، "ئىسلام دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دىنىي خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇسۇلى ۋە مەسچىت باشقۇرۇش ئۇسۇلى" قاتارلىق بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلەر قاراردىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇندىن كېيىن ھەرقايسى مەسچىتلەردىكى ئىماملارنىڭ چوقۇم لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بەلگىلىمە بويىچە، مەسچىتلەردىكى ئىماملار خىتاي قانۇنىغا بويسۇنىدىغان ھەمدە ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ياكى مۇنتىزىم مەدرىس تەربىيىسى ۋە تەڭ دەرىجىلىك ساۋات ئالغان ، قۇرئانى - كەرىمنى قائىدە تەلەپپۇزى بويىچە يادلايدىغان كىشىلەر بولىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن .
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز مېھرىبان ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەت
- ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم تېخىمۇ كۈچەيمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي دىنىي ئەركىنلىككە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- ئەركىن ئالپتېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا مۇراجەتنامە يوللىدى