ئەخلاق ئېڭى كەملەر، ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغانلار، ھەققانىي نىيەتتە بولمىغانلاردا ئىمانمۇ بولمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلىق ئىنسانلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئەخلاقلىق بولۇشى شەرت.
ئانا ۋەتەنننىڭ ئوخشاش بولمىغان بىلىمگاھلىرىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇللا ھاجىم ئىمان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇللا ھاجىم مۇنداق دېدى:" ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ قارىشىچە، مۆمىنلەر يامانلىقتىن يىراق بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىش - ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى ۋە نام - شۆھرىتىگە كاپالەت بېرىدىغان بولۇشى لازىم. مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ سۆزى، كۈچ - قۇۋۋىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئامان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىدىغانلاردىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مانابۇ، مۇسۇلمانلاردىن مۇرەككەب ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى، چىن ئىمانىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن باشقىلارنى ياخشى ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىش ۋە يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش پەرز بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ پەرزنى سۆزى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئادا قىلىدۇ".
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ئىجتىمائىيلىق قىممەتكە ئىگە
ئابدۇللا ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نىشانىغا ۋە ئالدىنقى شەرتىگە ئىگە. بۇنى ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار جەمئىيەتكە چۆكىدۇ ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشنى ئالدىنقى پىلاندا قويىدۇ. ئەگەر ئىمانلا بولۇپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بولمىسا، مۇنداق ئىمان قۇرۇق ئىمان بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ تۈپ قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر ئەمەلىيەتلا بولۇپ، ئېنىق ئىمان بولمىسا، ئۇ قارىغۇچىلارچە ئەمەلىيەت بولۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە خىزمەت قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئىمان بىلەن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن جەمئىيەت قۇرغۇچىلاردىن بولۇشى، ئىمانى چىن، ئىقتىدارلىق، ئىستىلى توغرا ،مەنىۋى مەدەنىيلىك ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قۇرئان كەرىمدە:" ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر " دېيىلگەن.
ئەخلاقنىڭ كۈچى قانۇننىڭكىدىن زور
دېمەك،جەمئىيەت ئامانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن قانۇنلار يېتەرلىك ئەمەس. قانۇن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ يۈرىكىدىن ۋە ۋىجدانىدىن چىقىشى لازىم.
قانۇن كۆرمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار بولۇپ، ئۇلارنى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋىجدانى كۆرىدۇ، قانۇن جەمئىيەتتە يەرلەشتۈرەلمىگەن ئىشلارنى ئەخلاق يەرلەشتۈرەلەيدۇ، قانۇن توسالمىغان يامان ئىشلاردىن ئەخلاق توسالايدۇ.