ئىنسان ھەمىشە نەپسى بىلەن ئەقلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمە قىلغۇچىدۇر

ئىنسان نەپسى يوللۇق- يولسىز، توغرا-خاتا، ھالال-ھارام بارلىق ئىستەك ۋە ئىشتىھالارنى تەلەب قىلىدۇ. نەپس بۇ يولدا ھەمىشە ئەقىل بىلەن زىتلىشىدۇ، ئەقىلنى يېڭىپ، ئۆز خاھىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئىنسان بۇنى ئەلۋەتتە سىزىدۇ. لېكىن نەپسىنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن خاتا ئىشلارنىمۇ كۆز يۇمۇپ تۇرۇپ قىلىپ سالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەپس ئەقىلنى يەڭگەن بولىدۇ.

0:00 / 0:00

ئىنسان ئەقلىنى نەپسىگە ھەمىشە ھاكىم قىلالىغان مۇددەتچە توغرا يولدا ماڭغان ۋە توغرا ئىشلارنى قىلغان بولىدۇ. ناۋادا نەپس ئەقىلنى يەڭگەن، يەنى ئەقىلنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئەمەس، بەلكى نەپسنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئىنسان تۈرلۈك خاتالىقلارغا ۋە يامانلىقلارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كېچىكىپ ھېس قىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلۇغۋار ئىش - ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركچە بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ۋە تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىستىداتلىق ئالىم ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندىگە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

نەپسنى پاكلاشتا تەربىيىنىڭ ئەھمىيىتى

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى نەپسنى پاكلاشتا تەربىيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق مۇنداق دېدى:" ئىنسان نەپسى خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى قانداق تەربىيىلىسە، شۇنداق ئۆسىدۇ. نەپسنى باش ئەگدۈرۈش ۋە ئەقىلنىڭ تەقەززاسىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەزىدە ئۇنىڭغا قەتئىيلىكمۇ كېرەك بولىدۇ. ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىش كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا يول ئاچىدۇ. خۇددى سۈتتىن ئايرىلىش ۋاقتى كەلگەن بوۋاقنى ئانىسىدىن ئايرىماستىن قويۇپ بېرىپ، ئۇ سۈتتىن ۋاز كېچەلمىگەن ۋە چۆڭ بولغىچە ئانىسىنى ئېمىپ يۈرىگىنىگە ئوخشاش بىر ئىش. نەپسنى پاكلاش يولىدا تەربىيىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭدۇر. بەلكى تەربىيىنىڭ ئەڭ چوڭ خىزمىتى نەپسنى پاكلاش بولسا كېرەك. شۇڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرنىڭ روھىنى يۈكسەلتىش ۋە نەپسىنى پاكلاشتىن ئىبارەت بولغان. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: "شۇنىڭدەك ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى يامانلىقلاردىن پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق"."

ئەمەللەردىكى سەمىمىيلىك نەپسنى پاكلاشقا تۈرتكە بولىدۇ

ئابدۇلئەھەد ھافىز ئەپەندى نەپسنى پاكلاشتا سەمىمىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق مۇنداق دېدى: "بەزى تائەت -ئىبادەتلەردىكى سەمىمىيلىك، ئىش-پائالىيەتلەردىكى دۇرۇسلۇق نەپسنى پاكلاشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىم ياخشى ئەمەللەرنىڭ يېنىدا يامان ئەمەللەرنىمۇ قىلىپ قويىدىغان، ئەمما گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ پۇل-مېلىدىن بىر قىسمىنى سەدىقە يولىدا ئېلىشنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ نەپسىنى پاكلىشى ئۈچۈن ۋەسىلە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىشىڭ ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟"