خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى ئىستانبۇل شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
نامايىشچىلار ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىن ئاپتوبۇس ۋە كىچىك ماشىنىلار بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ يولغا چىقتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، 'قىبرىستا، غەربى تىراكىيە ۋە شەرقىي تۈركسىتاندىكى تۈركلەر زۇلۇم ئاستىدا. ئەي دۇنياچىلار ! كىشىلىك ھوقۇق كۈنىڭلار قۇتلۇق بولسۇن' دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان پىلاكات كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى.
كونسۇلخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان تۈرك ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانا دەرۋازىسى ئالدىغا يېقىنلىشىشىنى توستى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانە دەرۋازىسىغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى.
نامايىش جەريانىدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئىچىدە تۇرىۋاتقان بىر قانچە خىتاي ئوغىرلىقچە نامايىشچىلارنى ئارقا - ئارقىدىن رەسىمگە تارتتى. بۇنى كۆرگەن مۇخبىرلار خىتايلارنى سۈرەتكە تارتتى. نامايىش جەريانىدا خىتايلار كونسۇلخانا ئىچىدىن باشلىرىنى چىقىرىپ قارىدى.
نامايىشچىلار بىردەك: "تېررورچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!"، "مەزلۇملار بۇ يەردە، ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟"، "ھەق - ھوقۇق ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت! "، " ئەركىنلىك ھەققىمىز، زۇلۇمغا قارشى بۇ يەردە بىز!" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.
كېيىن نامايىشىنى يېتەكلىگەن مەسئۇللاردىن 6 كىشى خىتاي كونسۇلخانا دەرۋازىسىغا يېقىنلاپ بېرىپ، مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتنىڭ ئاياللار كومىتېتى باشلىقى سېما سىزەنخانىم خىتاي كونسۇلخانىسىغا ۋە مۇخبىرلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيا مەدەنىيەتلىرىگە تۆھپە قوشقان ۋە تارىختا ئىزلار قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىشغالچى خىتاي دۆلىتىنىڭ زۇلۇم ئاستىدا قالدى. 18 - ئەسىردىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇپ كەلدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن مىللىي قىرغىنچىلىق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ھەر تۈرلۈك قىيىن قىستاق، ئىسكەنجە ۋە سوتقا چىقارماستىن ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ساياھەت قىلىش، ئۇچۇر ئالاقە قىلىشىغا چەكلىمە قويۇپ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم قىلىش كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. خىتاي پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆز ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلماقتا، خىتاي مىللى ۋە دىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى داۋام قىلماقتا، رايوننى دۇنيادىن ئۇزاق تۇتقان خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە باشلىدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ۋەقەگە چېتىشلىق شەخسلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئېلان قىلغان خىتاي ئۆلتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا. قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىمەكتە."
سېما خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خىتايلارنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئىمتىيازى بىلەن دۇنيا جامائىتىنى ئۆزىگە قاراتقان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ جار سالماقتا. لېكىن شەرقىي تۈركىستان ئىشغال ئاستىدا قالغان بىر رايون. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن دىنىي ۋە مىللى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغانسېرى خىتاي خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى داۋام قىلىدۇ. بىر خەلق كۆز ئالدىدا يوق بولىۋاتىدۇ."
سېماخانىم سۆزىدە يەنە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ يەردىن پۈتكۈل دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا، قېرىنداش تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋە تۈرك خەلقىگە خىتاب قىلىمىز، يەنە قانچىلىك ۋاقىت سۈكۈت قىلىسىلەر؟!!! بىر مىللەت يوق بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، مۇسۇلمان تۈرك يۇرتى يوق بولۇشتىن ئىبارەت خەتەر ئىچىدە. تارىخ بۇ سۈكۈتتە تۇرۇشىڭلارنى چوقۇم يازىدۇ، پۈتكۈل دۇنيا ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا سۈكۈت قىلسىمۇ زۇلۇم ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ. بۇ قىرغىنچىلىق بۇ قەتلىئامغا سەۋەبچى بولغان خىتاينى غەزەپ - نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيمىز."
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. تۈركىيىدە قارا چەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. قارا چەمبىرەك ئۈستىگە "شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى" دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
نامايىش ئاخىرلاشقاندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.