0:00 / 0:00
نامايىشقا تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرى ۋە سىياسىي پارتىيە مەسۇللىرى ئىرانلىق ئازەرى تۈركلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
نامايىشتا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.
بىز نەق مەيداندا نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالدۇق. بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.