خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مىيۇنخېندا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 61 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ ھەر خىل دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ۋە جەريانىنى جامائەتچىلىككە بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

نامايىشچىلار يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.