راستچىللىق ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان مۇھىم بىر خىسلەت بولسا، يالغانچىلىق ئىنسانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ۋە ئۇلارنى قاخشىتىدىغان يامان ئادەتتۇر. راستچىللار ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتلىك كىشىلەر بولۇپ، يالغانچىلار ھەممىلا يەردە ۋە ھەركىمنىڭ نەزەرىدە لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان "ھەدىس ۋە ھازىرقى زامان ئىلىملىرى" ماۋزۇلۇق چوڭ مۇسابىقىدە، سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى ئىسام ئەل بەشىر ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ئىشتا راستچىللىققا بولغان زور ئېھتىياجى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:" راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ، راست سۆزلەپ، ھەمىشە راستچىللىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە "راستچىل بەندە" دەپ يېزىلىدۇ. يالغانچىلىق گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ دوزاخقا باشلايدۇ، يالغان ئېيتىدىغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە "يالغانچى" دەپ يېزىلىدۇ." ھېچكىم ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە، پەرىشتىلەرنىڭ دەپتىرىدە، ئىنسانلارنىڭ ئېغىزىدا يالغانچى بولۇپ ئاتىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىكى" راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ" دېگەن سۆزى بىلەن " يالغانچىلىق گۇناھقا باشلايدۇ " دېگەن سۆزىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا، پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ بېشىدا راستچىللىقنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. گوياكى راستچىللىق ياخشىلىقنىڭ مۇقەددىمىسى ياكى ئۇنۋانى ئورنىدا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەر قانداق بىر يامانلىقنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم يالغانچىلىق بولىدۇ. ئالدامچىلىق، خائىنلىق، ساتقۇنلۇق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، قارا چاپلاش، غەيۋەت - شىكايەت ... ۋاھاكازالارنىڭ مۇقەددىمىسىدە چوقۇم يالغانچىلىق بولىدۇ. شۇڭا ئۆلىمالار" يالغان ئېيتىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئادەم ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ" دېگەن نەتىجىنى چىقارغان. راستچىللىق پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۆمىنلەرنىڭ ۋە ياخشىلارنىڭ ئادىتى بولغاندەك، يالغانچىلىق مۇناپىقلارنىڭ ئادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:" مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ."
راستچىللىق خاتىرجەملىكتۇر
ئىسام ئەل بەشىر نۇتقىدا يەنە مۇنداق دېدى:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:" راستچىللىق خاتىرجەملىك، يالغانچىلىق تەشۋىشتۇر." چۈنكى ئىنسان راست سۆزلىگەندە خاتىرجەملىك ۋە بىر خىل راھەت ھېس قىلىدۇ، تەشۋىشلەنمەيدۇ، ھەمدە راست سۆزلەشتە ھېچقانچىلىك تەسلىك ياكى ئوڭايسىزلىق ھېس قىلمايدۇ، ئىككىلەنمەيدۇ، دۇدۇقلىمايدۇ. ئەمما ئىنسان يالغان سۆزلەشتە قىيىنچىلىق تارتىدۇ، ھەتتا بەزى شارائىتلاردا چېكىسىدىن تەر ئاقىدۇ، چىرايى تەبىئىي بولمايدۇ، سۆزلىرى ئانچە قاملاشمايدۇ، يالغانچىلىقى ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن تەشۋىشلىنىدۇ. بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىك سۆزلىرىدىن بولۇپ، ھاياتلىق مۇساپىلىرى بۇ سۆزنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ سۆز مەيلى قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلمىسۇن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ نەزەرىدە ھەق سۆزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،مۆمىن ئادەم قورقۇنچاق بولامدۇ دەپ سورالغىنىدا، "ھەئە" دەپ جاۋاب بەرگەن، يەنە "مۆمىن ئادەم بېخىل بولامدۇ" دەپ سورالغاندىمۇ، " ھەئە" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن مۆمىن ئادەم يالغانچى بولامدۇ دەپ سورالغىنىدا، " ياق" دەپ جاۋاب بەرگەن. چۈنكى بىراۋنىڭ قورقۇنچاقلىقى ياكى بېخىللىقىنىڭ زىيىنى كۆپىنچە ئۆزىگە بولىدۇ. ئەمما بىراۋنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى كۆپىنچە باشقىلارغا بولىدۇ. يالغانچىلىق ئىنسانلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ گۇناھىمۇ ئېغىر، جازاسى قاتتىق بولىدۇ. يالغانچىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۆمىنلەردىن بولالمايدىغانلىقى يالغانچىلىقنىڭ گۇناھىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر."
ھەقىقىي راستچىللىق
ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئۆلىمالىرىدىن جۇنەيد مۇنداق دېگەن ئىكەن:" ھەقىقىي راستچىللىق يالغاندىن باشقا نەرسە سېنى قۇتۇلدۇرالمايدىغان شارائىتتا راست سۆزلىشىڭدۇر." راستچىللىقنىڭ ئىنساننى ھەمىشە قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. " راست سۆزلىگەن نىجات تاپىدۇ" دېگەن مەشھۇر سۆزمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئەكسىچە، ھەرقانچە سۆزگە ئۇستا ۋە يالغاننى قاملاشتۇرۇشقا ماھىر كاززاپلارمۇ بەرىبىر بىلىنىپ قالىدۇ ۋە بىر كۇنى رەسۋا بولماي قالمايدۇ. " يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام" دېگەن سۆزمۇ بىكارغا ئېيتىلمىغان بولسا كېرەك.