ئۇيغۇرلار ئىنسانپەرۋەر بولۇش ئۈچۈن تۇرمۇش ئادىتىدىن، دىنىي كۆز قارىشىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكمۇ؟

يېقىندا تەڭرىتاغ تورىدا "شىنجاڭدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەر بىر شىنجاڭ بەرپا قىلايلى" ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوبزوردا ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانپەرۋەر بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھالقىما تەرەققىياتنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى يېزىلغان.

0:00 / 0:00

ئوبزوردا ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بەرپا قىلىشنىڭ بىر قانچە خىل شەرتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، دىنىي قارىشى قاتارلىقلارنى تۈزىتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى بۇنىڭ شەرتلىرىنىڭ بىرى دېيىلگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بولسا ئىنسانپەرۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ شەرتلىرىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئىپادە قىلدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان روھ ھەققىدە قىلغان سۆزىدە " ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، كەڭ قورساق ۋە مىننەتدار بولۇش، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە گۈزەل شىنجاڭ روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك" دېگەن. يەنى جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە كەڭ قورساق ۋە مىننەتدار بولۇشنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىنسانپەرۋەر بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى قاتتىق تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە تەڭرىتاغ تورىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە بەزى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوبزوردا بىر جەمئىيەتتە ئىنسانپەرۋەر لىك روھىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقى، يەنى دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈزۈملىرىگە ھۆرمەت قىلىشتا، تەرەققىياتتا، ئاخىرىدا بولسا ئوخشىمىغان تۇرمۇش ئادىتى، تار مىللەت قارىشى، دىنىي قاراش، فېئودال خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنى تۈزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشتە ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇنداقتا، ھەقىقەتەن دېيىلگەندەك ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىش يۇقىرىدىكى شەرتلەردىن ئىبارەتمۇ؟ بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى بەرپا قىلىپ، ساغلام بىر جەمئىيەت يارىتىشنىڭ شەرتلىرى توغرىىسدا ئالدى بىلەن تۈركىيىدىكى دىنىي پەنلەر دوكتورى ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىنى ئالدۇق. ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى سۆزىدە بىر جەمئىيەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە ئالدى بىلەن دىننىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا دىن ۋە ئەخلاق ئېڭىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يۈرگۈزۈشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقىغا قوشۇلسىمۇ، ئەمما ئالدى بىلەن يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇكېرىم ئەپەندى سۆزىدە بىر ساغلام جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، بىر جەمئىيەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە شۇ جەمئىيەتنى تەشكىللىگۈچى بولغان ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ماھىيىتىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدۇكېرىم ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، "ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوخشىمىغان تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، دىنىي قارىشى قاتارلىقلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك" دېگەن سۆزگە قارىتا ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.