بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى ئاشكارىلىدى

بۈگۈن ھەرخىل ئىنتېرنېت پونكىتلىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا "خىتاينىڭ بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىن خىتاينىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى ئاشكارىلاندى" دەپ كۆرسەتكەنلىكى، گېرمانىيىدە چىقىدىغان خىتايچە "دۇنيا گېزىتى" دە ئېلان قىلغان ئوبزوردا "خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتى ھازىر، دۇنيادىكى دېموكراتىيىدىن قورقىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يېتەكچىسى بولۇۋالدى" دەپ بايان قىلىنغانلىقى، مەشھۇر سىياسىي مۇلاھىزىچى جاڭ ۋېيپىڭ بۈگۈنكى ئوبزورىدا "خىتاينى ئەمدى مەرد يوقسۇللار ئۆزگەرتىدۇ" دەپ يازغانلىقى ھەققىدىكى ئوبزورلار كەڭ بېسىلدى.

0:00 / 0:00

ئىنتېرنېتتىكى بىر مۇنچە Facebook, Twitter دەپ ئاتىلىدىغان تور پونكىتلىرى بۈگۈن، خىتاي بۇ يىلقى نوبېل ساھىپىنى تۈرمىگە سولاپ قويۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى؛ بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمى جەرياندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مەشھۇر ئەربابلارنى تۇتۇپ نەزەربەند ئاستىغا ئالغانلىقى؛ خەلقئارادا بولسا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرگە يېتەكچى (ئاكا) بولۇۋالغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

خىتاي ئەڭ قورقىدىغان نەرسە - تىنچلىق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە

بۈگۈن ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلىنغان نوبېل مۇكاپاتى ۋە خىتاي ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا 'خىتاينىڭ بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى ئاشكارىلاندى' دەپ كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە ئەركىنلىكنى ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپ سۇنىدىغان كىشىلەر پەيدا بولسىلا، دەرھال جىددىيلىشىپ كېتىپ، ئۇلارغا دەرھال 'ئەكسىلئىنقىلاپچى' دەپ ماركا چاپلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي خەلقئارادىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە تەسىرىگە (ئاق تېررورلۇققا) تايىنىپ، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان مىسىر، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىمۇ، ھەتتا ب د ت نىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىنىمۇ، ئۆزى بىلەن بىللە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا قارشى سەپتە تۇرغۇزدى. بۇ، خىتاينىڭ تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەر قانداق خەلققە ۋە ھەر قانداق دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە دېگەن خىتاي ئەڭ قورقىدىغان نەرسە. مانا بۇ، خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىسى.

خىتاي ھازىر دۆلەت ئىچىدە تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا

گېرمانىيىدە خىتايچە چىقىدىغان 'دۇنيا گېزىتى' ئېلان قىلغان 'خىتاي ھازىر دۇنيادىكى مۇستەبىتلەرنىڭ يېتەكچىسى بولۇۋالدى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىدا، نوبېل ساھىبى ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنىڭ قۇرۇق تۇرغانلىقىدىن، دۇنيا ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلىۋالدى: ئەگەر خىتاينىڭ، بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇراسىمىدا، نوبېل ساھىبى ئولتۇرىدىغان ئورۇننى قۇرۇق قالدۇرغانلىقىنى، دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى نوبېل مۇراسىمىغا قاتناشتۇرمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئىپادىسى دېسە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ تىنچلىقپەرۋەر، ئەڭ ئالىيجاناب ئادەملەرگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىپ كېلىۋاتقان نوبېل كومىتېتى بۇ يىلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ليۇ شاۋبوغا بەرگەندە، خىتاي ئەڭ يامان سۆزلەرنى قوللىنىپ، نوبېل ساھىپىنى 'بۆلگۈنچى'، نوبېل كومىتېتىنىڭ قارارىنى 'پەسكەشلىك' دەپ ھاقارەتلىگەنلىكىنى دەل خىتاينىڭ ئىنتايىن زەئىپ ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دېسە بولىدۇ.

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ھازىر تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغان كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۆزى خەلق سايلىمىغان قانۇنسىز ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى شۇنداقلا بۇ قانۇنسىز ھۆكۈمەت ئۆزى دۆلەت ئىچىدە، خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى.

خىتاينى ئەمدى دۆلەت ئىچىدىكى مال-مۈلۈكسىز مەردانىلەر تەبىقىسى ئۆزگەرتىدۇ

كانادادا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى جاڭ ۋېيپىڭ بۈگۈن خوڭكوڭدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي جەمئىيىتىدە ئىككىلا تەبىقە بار، بىرى كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلار تەبىقىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز جەمەتلىرى ياكى غالچىلىرى، ئۇلار خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەشكە قارشى. يەنە بىرى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى نامراتلىق ۋە غۇربەتچىلىكتە قالدۇرغان خەلق، بۇلارنىڭ خىتايدا ھېچقانداق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقى يوق، بۇلار خىتايدىكى ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، خالىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان نامراتلار تەبىقىسى.

بۇ ئوبزورنىڭ ئاپتورى جاڭ ۋېيپىڭ، 1999‏- يىلى خوڭكوڭدىكى 'ۋېنخۇي گېزىتىنىڭ داليەندە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى داليەن شەھىرىنىڭ باشلىقى بۆ شىلەي قاتارلىق خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى پاش قىلىپ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ئالدىنقى پوست' ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان' دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. خەلقئارانىڭ خىتايغا قىلغان بېسىمى بىلەن، ئۇنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلىپ، ئۇ 2006‏- يىلى 12 ‏- ئايدا تۈرمىدىن چىققان.

بۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچى بۈگۈن ئىنتېرنېت تور پونكىتىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا قەيت قىلىشىچە، خىتايدىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى نامراتلىقتا، غۇربەتچىلىكتە قالدۇرغان، ھېچقانداق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقى يوق شۇنداقلا خىتايدا ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، خالىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بۇ نامراتلار تەبىقىسى، يەنى مال-مۈلۈكسىز مەردانىلەر تەبىقىسى ئەمدى خىتاينى ئۆزگەرتىدۇ.