دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە تەكىتلەندى

10 - دېكابىر ىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 63 يىللىق خاتىرە كۈنى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.12.09
human-right-declaration-eleanor-roosevelt-305.png ئامېرىكا پېرىزىدېنتى روزۋېلتنىڭ ئايالى ئېلىنور خانىم دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئىسپانچە نۇسقىسىنى كۆتۈرۈپ تورماقتا(1949-يىلى)
Federal Government, Public Domain

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلەرنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش، مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش مەقىسىتىدە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقىغىچە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇملاشتۇرۇش چاقىرىقى قىلىندى.

2011 - يىلى دۇنيا ۋەزىيىتىدە، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. مەسىلەن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇنىستا خەلق ھەرىكىتى پارتلاپ، دۆلەت باشلىقى بىن ئالىنى يىقىتىلدى ۋە تۇنىستا تۇنجى قېتىم دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلدى. «ئەرەب باھارى» دەپ ئىسىم قويۇلغان خەلق ھەرىكەتلىرىگە باشلامچىلىق رول ئوينىدى، دەپ باھا بېرىلگەن تۇنىستىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، 30 يىلدىن بېرى ھۈسنى مۇبارەك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلگەن مىسىر خەلقى قوزغىلىپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلدى. نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ كۈچىگە يىڭىلگەن ھۈسنى مۇبارەك ئاخىرى فېۋرال ئېيىدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. ئارقىدىن لىۋىيىلىك دېكتاتور كازافىينىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. يەمەن، سۈرىيىدىمۇ زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى. جۈملىدىن شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب باھارى كەڭ يېيىلدى.

ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرىگە پەقەت ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرلا ئەمەس، خىتاي، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇچرىدى. خىتاي دېموكراتلىرى خىتايدا «ياسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى باشلىدى. ئەسلىدە ئەرەب باھارىدىن خاۋاتىرلىنىپ تۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى «ياسىمەن گۈلى» ھەرىكىتى باشلىنار - باشلانمايلا، ئىنتېرنېتنى چەكلەش، مەيدانغا چىققانلارنى قولغا ئېلىش ۋە ياسىمەن گۈلى سۆزىنى ھەرقانداق يەردىن چەكلەش ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ زورىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىمۇ 2011 - يىلىدىكى دېموكراتىك قوزغىلىشنىڭ بىرى بوپقالدى. بۇ يىل ئىچىدە بېرما ھۆكۈمىتى دېموكراتىك ئىسلاھات يولىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ياخشى قەدەملەرنى تاشلىدى. بېرما ھۆكۈمىتى دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ قوراللىق ئۆكتىچى تەشكىلات بىلەن قورال تاشلاش كېلىشىمى تۈزدى. تۈرمىدىكى بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى ئەركىنلىككە چىقاردى. بېرمىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات قەدەملىرى بېرمىنىڭ داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاڭ ساڭ سۇكى خانىمنىڭ ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەردە ئىجتىمائىي ئالاقە تور ۋاستىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك. بەزىلەر ھەتتا ئەرەب باھارىنى «فېيسبۇك ۋە تىۋىتتىر» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىنىڭ ئىنقىلابى دەپ ئاتىغانلارمۇ بولدى. دەرۋەقە، بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ناۋى پىللايمۇ بۇ نوقتا ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىنىڭ دۇنيادا دېموكراتىيىنىڭ يېيىلىشىغا كۆرسەتكەن زور تەسىرىنى مەدھىيىلىدى. پىللاي ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بۇ، تولىمۇ ئالاھىدە بولغان بىر يىل ئىچىدە ئەرلەر، ئاياللار، ھەتتا بالىلار مەردانىلارچە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ ئورنىدىن تۇردى. بۇ كۈتۈلمىگەن ئويغىنىش ھەققىدىكى تۇنجى چاقىرىقلار چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرى ياكى يىغىنلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ دىنامىك ۋە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان كۈچى ئارقىلىق تەشكىللەندى» دېدى.

ناۋى پىللاي سۆزىدە يەنە:«دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا، بىز ئۇنىڭدىن فيېسبۇك ياكى تىۋىتتىر ياكى يۇتۇبقا قاچىلانغان ۋىدىئولار ئارقىلىق خەۋەردار بولالايمىز. ھەقىقىي ۋەقەلەرنى، ھەقىقىي كىشىلەرنى كۆرەلەيمىز. قىسقىسى، دۇنيا 2011 - يىلى كىشىلىك ھوقۇق ۋىرۇسى بىلەن «يۇقۇملاندى»» دېيىش ئارقىلىق، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تور ۋاستىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قوشقان زور تۆھپىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا قىزىقتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ناۋى پىللاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سوئاللىرىغا ئىجتىمائىي ئالاقە تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىش پائالىيىتى قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە دېموكراتىيىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى يەتكۈزۈشتە ئىنتېرنېتنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان.

2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبلىرىنىڭ مۇھىم بىرى بولغان شياۋگۈەن ۋەقەسىگە ئائىت كۆرۈنۈشلەرمۇ ئىنتېرنېتتا تارقالغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان ئىدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە ۋەقە ھەققىدە مۇنازىرىلەر باشلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى ھەققىدىكى چاقىرىقلار يۈكسەلگەن ئىدى. نەتىجىدە مىڭلىغان ياشلار 5 - ئىيۇل كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە بارلىق تور بەتلەرنى تاقاپ، تور بەت يازغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىنىڭ كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسلىق زەربىنى مانا بۇ خىل تور بەتلەرگە قارىتىپ، خىتاي مىقياسى بويىچە يۇتۇب، فېيىسبۇك ۋە تىۋىتتېرغا ئوخشاش خەلقئارالىق تور بەتلەرنى تاقاش بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئۈستىدىكى تەقىبنى قاتتىق كۈچەيتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتونمۇ پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيىدىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە 14 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي، رۇسيە ۋە سۈرىيىدە ئىنتېرنېت ئەركىىنلىكىنى ئالغا سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھەرقايسى شېركەتلەرنى بۇ خىل دېكتاتور ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئاۋۋال چوڭقۇر ئويلىشىپ بېقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ : «بۇ ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ ئىنتېرنېت چەكلەنگەن دۆلەتلەردە ياشايدىغان خەلقلەر، ئىنتېرنېتتا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يازغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغانلار، ئىنتېرنېتقا كىرىپ خالىغان مەزمۇندىكى نەرسىگە ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم» دېدى.

ھىللارىي كىلىنتون خانىممۇ ئوخشاشلا ئىنتېرنېتنىڭ ئەرەب باھارىدىكى تۆھپىسى ئۈستىدە توختىلىپ، دېموكراتىيىنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنىڭ ئەھمىيىتى جۈملىدىن ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 63 - يىللىقىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى جۈملىدىن ئىنتېرنېتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە تېما بولدى. بۇ كۈندە يەنە دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ب د ت ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقچى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.