خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۈزىتىش لايىھىسى "يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش" ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان ئىكەن. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان يېڭى دەۋر پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دەۋرى بولۇپ، خىتاي زىيالىيلىرى بۇ قانۇننىڭ پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىدىغان ۋە پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇستەبىت قانۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بېيجىڭدىكى خىتاي زىيالىسى جاڭ كەي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ فەييۆلەر پىكىر بايان قىلىپ، " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى"نىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن پىكىر ئەركىنلىكىگە تۈپتىن قارشى قانۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. مەخپىيەتلىكنىڭ چەك - چېگرىسى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بۇ قانۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى زورايتىدىغانلىقىنى ۋە پۇقرالارغا ئېغىر زىيانلار ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى تۈپەيلى، ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ بۈگۈنگىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى قارا سۈرتىدىغان بىر قانۇن ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ چەك - چېگرىسى ئېنىق ئەمەس" ناملىق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قانۇن تۈپەيلى خىتايدىكى بارلىق تور بەتلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.