خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ يېڭى ھەرىكەت پىلانى - ئىنتېرنېت ئىنقىلابى

مۇھاجىرەتتىكى بىرقىسىم خىتاي دېموكراتچىلىرى، ئۆتكەن ھەپتە بىر خىتابنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى يېڭى بىر چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويدى. چاقىرىقتا، ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ بىر كەشپىياتى ئىكەنلىكى، ئىنتېرنېتنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى، سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

"ئىنتېرنېت ئىنقىلابى خىتابنامىسى" دەپ ئاتالغان بۇ چاقىرىقتا بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك قورالنىڭ ئىنتېرنېت ئىكەنلىكى، شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنتېرنېتنى توسۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن؛ ئارقىدىن خىتاي خەلقى كومپارتىيىگە قارشى ئىنتېرنېت ئارقىلىق كۈرەش قىلىشقا چاقىرىلغان.

نۆۋەتتە خىتاي دېموكراتچىلىرى ئارىسىدا بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويۇش، خىتابنامىنى تارقىتىش ۋە خىتابنامىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش پائالىيىتى داۋاملاشماقتا. خىتايچە Canyu تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى 2 كۈن ئىچىدىلا، خىتاي ئىچى - سىرتىدا 300 دىن ئارتۇق كىشى خىتابنامىگە ئىمزا قويغان. خىتابنامىنى لايىھىلىگۈچىلەردىن بىرى يەن جياچى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

ئۇ خىتايدىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي خەلقى بۇ ئىككى ئەركىنلىككە ئېرىشسە، دېموكراتىيىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، شۇڭا دېموكراتىيە كۈرىشىدە ئىنتېرنېتنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى سۆزلىگەن.

ئىنتېرنېت ئىنقىلابى خىتابنامىسىدە، نۆۋەتتە خىتايدا 400 مىليوندىن ئارتۇق ئىنتېرنېت مۇشتىرى بارلىقى؛ بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىدىن نارازى ئىكەنلىكى، ئەگەر بۇلار نىشانلىق ھالدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىش دولقۇنى قوزغىسا، ھەر بىر تور بىر جەڭگاھ، ھەر بىر تورداش بىر جەڭچىگە ئايلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ۋاڭ دەن، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ بېرلىن تېمىنى يىقىتىشقا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دېموكراتچىلىرى ئالدىنقى يىلى "2008 نىزامنامىسى" نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە ۋە بىر پارتىيىلىك تۈزۈمدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى نىزامنامىنى تۈزۈش ۋە ئىمزا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى تۇتقۇن قىلغان.

خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونى ئېغىر جازالاش ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان دېموكراتچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىنتېرنېت ئىنقىلابىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ خىل زوراۋانلىقىغا قارشى بىر رېئاكسىيە ۋە يېڭى بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىنتېرنېت ئىنقىلابى خىتابنامىسىنى لايىھىلىگىچىلەردىن بىرى يەن جياچى خىتايدا ئەينى يىللاردا مەركىزى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىدە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى يېتەكچىسى دەپ قارالغان.

يەن جياچى، 1989 ‏- يىلى چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى فېدېراتسىيە تۈزۈمى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ياقلىغۇچىلاردىندۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.