خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى ئېلان قىلغان «سەزگۈر ۋەقەلەر ھەققىدە زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، 23-ئىيۇل ۋېنجۇ پويىز ۋەقەسى، جياڭ زېمىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھەم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تور بەتلىرىدە «زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق، ئەگەر تور بەتلىرىدە ۋەقەنى كۆپتۈرۈپ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا قاتتىق چارە كۆرۈلىدۇ» دەپ، ئۇقتۇرۇش قىلغان.
خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى «سەزگۈر ۋەقەلەر ھەققىدە زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خوڭكوڭدىكى «مىنباۋ» گېزىتى قاتارلىق خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ئۇقتۇرۇشقا نىسبەتەن تەنقىدى ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
خوڭكوڭ «مىنباۋ» گېزىتىدە، خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەزەلدىن مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقى تەنقىدلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭ ھەر ۋاقىت كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى تەنقىدلەنگەن. «مىنباۋ» گېزىتىدىكى ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ زېمىننىڭ سالامەتلىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇچۇرلارنى قامال قىلغىنى ئۈچۈن، خوڭكوڭ ياپونىيە قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ جاڭ زېمىننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى خىتاي تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەرگە ھەم خەلق ئىچىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن بېرىشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خوڭكوڭدىكى مۇخبىرلار جەمئىيىتى 30-ئىيۇل شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋېنجۇ تۆمۈريول ۋەقەسىگە ئوخشاش سەزگۈر ۋەقەلەر ھەققىدە زىيادە كۆپ مۇنازىرە ئېلىپ بارماسلىق، ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى زىيارەت قىلماسلىق» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ «مۇخبىرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغقانلىق، خەلقئارا مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە خىلاپ قىلمىش» دەپ ئەيىبلىدى.
7-ئاينىڭ 23- كۈنى شاڭخەي ۋېنجۇ تۆمۈريولىدا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقە ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئاساسلىقى ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەرلا بېرىلىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئەركىن مۇنازىرە مەيدانلىرىدا ھەم ناھايىتى ئاز ساندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىرلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەنقىدلەنگەن ئىدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىمۇ خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىتايدىكى سەزگۈر ۋەقەلەر ھەققىدە زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنىڭ چىقىرىلىشى، خىتايدا پۇقرالار سۆز ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «سەزگۈر ۋەقەلەر ھەققىدە زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق» ئۇقتۇرۇشى تەنقىدلەنگەن ماقالىدە ۋېنجۇ پويىز ۋەقەسى ھەققىدە خىتايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى مىسالغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، مەتبۇئاتلارنى تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «سەزگۈر ۋەقەلەرنى زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق» خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاشتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات بۆلۈمى ئېلان قىلغان«سەزگۈر ۋەقەلەر ھەققىدە زىيادە كۆپ مۇنازىرە قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى» غا ئوخشاش چەكلىمىلەرنى خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەھۋال دېيىشكە بولىدىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە 18- ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەم 30-31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسى ھەققىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەرنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكى ياكى بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات خاراكتېرىدىكى خەۋەرلەرنى بېرىۋاتقانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەم پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنىڭ ھەر ۋاقىت چەكلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.