تورخانىلاردا ساقچىلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشىنى يۇۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىش، سورىغان سوئاللىرىغا مۇلايىم ۋە ئەتراپلىق جاۋاب بېرىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇتلەق باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان. سەللا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر تۇتۇپ كېتىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن .
كۈچىيىۋاتقان تەھدىتلەر
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ۋەتەندىن يوللىغان مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، "ئۇيغۇربىز" تور بېتى تاقالغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدە بۇ تور بېتىنى زىيارەت قىلغۇچىلار ۋە تور بېتىگە پىكىر قاتناشتۇرغۇچىلار سۈرۈشتۈرۈلگەن.
بەزى ئىدارە - ئورگانلاردىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغانلار ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىچىدە قاتتىق تەنقىتلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئاگاھلاندۇرۇش جازالىرى بېرىلگەن. تەكرارلانسا، قانۇن ئورگانلىرىغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىق توغرىسىدا تەھدىتلەر سېلىنغان.
دېموكراتىيىدىن چۆچۈش
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 30 - مارتتىكى "ئالۋاستى تورى يۈزلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا قول سوزدى، ماكانى: خىتاي" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ئىنتېرنېت قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك رېجىم ئاستىغا ئېلىپلا قالماي، پۈتكۈل خىتايدا بۇ خىلدىكى قامالنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يوتۇبە تور بېتىنىڭ تاقىلىشى، ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ تاقىلىشى ۋە سەللا دېموكراتىك ئېقىمغا ئائىت پىكىرلەر يەر ئالغان يۈزلىگەن خىتاي تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىشى، خىتاينىڭ دېموكراتىك ئېقىمدىن يەنىلا قاتتىق چۆچىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.
"ئالۋاستى تورى" نىڭ ھۇجۇمى
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "ئالۋاستى تورى" نىڭ ماكانى خىتاي بولۇپ، بۇ تور دۇنيادىكى 103 دۆلەتنىڭ 1295 دانە كومپىيۇتېرىغا "ئېلىكتىرونلۇق ئوغرى" نى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان. بۇ ئوغۇرلۇقنى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى بايقىغان.
ئەسلىدە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمېتىنىڭ دارىمسالادىكى مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دالاي لامانىڭ بىر خىزمەتچىسى، ئۆتكەن يىلىلا تورونتو ئۇنىۋېرسىتىدىكى ئىككى نەپەر كەسپىي خادىمدىن ئۆزلىرىنىڭ كومپىيۇتېرىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ تىبەتلىكلەرگە ئائىت مەخپىيەتلىكنى ئوغۇرلاۋاتقان بولىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كومپىيۇتېرىنى تەكشۈرۈپ بېقىش تەلىۋىنى قويغان.
تورونتودىكى تەتقىقاتچىلار بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاۋاتقان ۋاقتىدا، توساتتىن "ئېلىكتىرونلۇق ئوغرى"نى بايقاپ قالغان ۋە ئۇنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
ھۇجۇم نىشانىنىڭ بىرى: تىبەتلىكلەر
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ "ئېلېكترونلۇق ئوغرى" لىرى، يالغۇز خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا يوشۇرۇنۇپ مەلۇمات ئىگىلەش بىلەنلا قالماي، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تورلىرىغىمۇ ئۇۋا سېلىۋالغان.
دىققەتنى تارتقىنى، دالاي لاماغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم مەخپىيەتلىكلەر مۇشۇ "ئوغرى يۇمشاق دېتال" ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ قالغان. خىتاينىڭ نىيۇيورك كونسۇلخانىسىنىڭ سۆزچىسى بولسا، بۇ خىل "ئېلېكترونلۇق ئوغرى"نىڭ قىلمىشلىرى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ ئالاقىسى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيانىڭ دىققىتى "ئالۋاستى تورى" دا
ئالدىنقى يىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپنى تىرويا ئېتى ناملىق ئېلېكترونلۇق ئوغرى دېتال بىلەن گېرمانىيە مىنىستىرلار مەھكىمىسىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىگەن ئىدى.
بۇ مەزگىلدە ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىمۇ خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ئوغرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت كومپيۇتېرلىرىغا چېقىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ قېتىم، خىتاينىڭ 103 دۆلەتنىڭ 1295 كومپىيۇتېرىغا چېقىلغانلىقى دۇنيا جامائىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىي دىققىتىنى تارتماقتا.
ئۇيغۇرلارمۇ ھۇجۇم نىشانى
چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتېرلىرى دائىم خىتاي تەرەپنىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرلىرىغا ئېلېكترونلۇق ئوغرى دېتالنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
ئەنگىلىيىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ خىل ئېلىكتىرونلۇق ئوغرىنى پەقەت ئەلخەت ئارقىلىقلا يەرلەشتۈرەلىشى مۇمكىن ئىكەن.