ئىنتېرنېت ئۇچۇر دۇنياسىدىكى گىگانتلار پارىژدا توپلىنىپ، ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ چەك-چېگرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

مۇزاكىرە يىغىنىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، كىشىلىك شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ چەك-چېگرىسى قەيەرگىچە بولۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلىدۇر.

0:00 / 0:00

دۇنيادىكى دىجىتال ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر دۇنياسىدىكى گىگانتلار فرانسىيە پايتەختى پارىژغا توپلىنىپ، ئىنتېرنېتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. سەيشەنبە كۈنى باشلانغان ئىككى كۈنلۈك يىغىننىڭ مەركىزى تېمىسى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، كىشىلىك شەخسىيەت ھوقۇقى ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ چەك چېگراسى قەيەرگىچە بولۇشى كېرەك، دېگەن مەسىلىدۇر. مەزكۇر يىغىنغا فەيسبۇك، گوگۇل، مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرنېت ۋە دىجىتال ئاخبارات دۇنياسىدىكى 1000 گىگانت شىركەت تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا يەنە ئىنتېرنېت تەرەققىياتى، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك شۇنداقلا ئىنتېرنېتنىڭ كېلەچەكتىكى كىشىلەر تۇرمۇشىدا ئوينايدىغان رولى مۇنازىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئىنتېرنېت ئۇچۇر دۇنياسىدىكى گىگانتلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە توپلىنىپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشى بولۇپلا قالماي، بۇ يىغىن يەنە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە دوكلات ھازىرلاپ، شەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ دەاۇۋىللە شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنىدۇ. ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلىك شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىنتېرنېتقا بەلگىلىك چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. 8 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىپخانى، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي سەيشەنبە كۈنى ئىنتېرنېت گىگانتلىرىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىنتېرنېتقا «ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، بەزى ئەقەللىي چەكلىمىلەرنى بېكىتىش كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. ساركوزىينىڭ بىخەتەرلىك ۋە بالىلارنى ئاسراپ، ئەقەللىي ئىنسانى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغداش ھەققىدىكى سۆزى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. لېكىن دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇر دۇنياسىدىكى گىگانتلارنىڭ بۇ خىل چەكلىمىگە قارشى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا سۇنىدىغان دوكلاتىدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر كىشىلىك شەخسىيەت ۋە ئەقەللىي ئىنسانى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغداش بىلەن ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكى، بىراق بالىلار، كىشىلىك شەخسىيەت ۋە بەزى ئىنسانى قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنتېرنېتقا قويۇلىدىغان ئەقەللىي بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قارشى دۆلەتلەردە ناھايىتى ئاسانلا سۇيىئىستېمالغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەردىكى مەسىلە غەرب ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە ئەللەردىكى ئەركىنلىك بىلەن كىشىلىك شەخسىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقى مەسىلىسى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىك مۇتەخەسسىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، «مېنىڭچە، بۇ ئىككى مەسىلە بىر -بىرىگە زىت مەسىلە ئەمەس. بۇرۇن كلاسسىك ئۇچۇر ئالاقە ئىنقىلابى دەۋرىدىمۇ بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلىك شەخسىيەتنى قانداق قوغداشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. شۇڭا بۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ. ھازىرقى مەسىلە پەقەت تېخنىكا جەھەتتىكى بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلسىلا، كىشىلىك شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغداش ئۇنچىلىك زور مەسىلە ئەمەس. بۇنىڭغا ھېچقانداق قانۇنى توسالغۇ يوق. ئەگەر چوڭ شىركەتلەر تېخنىكا جەھەتتىكى توسالغۇنى ھەل قىلىشنى خالىسا، بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. لېكىن ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى بەزى دۆلەتلەرنى ھەل قىلىش قىيىن بولغان بەزى توسالغۇلارغا ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن بەزى دىكتاتور دۆلەتلەر جۈملىدىن جۇڭگوغا ئوخشاش دۆلەتلەر تور ئەركىنلىكى، ئۇچۇر ئىنقىلابىغا ماسلىشالماي، تور ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ. ئەسلىدە بۇ مەسىلە ھەل قىلىش تەسكە توختاۋاتقان قىيىن مەسىلىدۇر» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىزىدا سۆزلەيدىغىنى بىلەن غەربنىڭ دەۋاتقانلىقى ئارىسىدا چوڭ پەرق. لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقىنى ئەركىنلىكنى بوغۇش. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكنى بوغۇۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇ پەقەت غەربكە مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇۋاتىمەن، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە غەربنىڭ ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇشى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىپ، ئەركىنلىكنى بوغۇشى ماھىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ» دەيدۇ. لېكىن تور دۇنياسى پارىژدىكى يىغىندا ساركوزىينىڭ سۆزلىگەن ئىنتېرنېتقا بەزى ئەقەللىي چەكلىمىلەرنى قويۇپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزىنى تەنقىدلىگەن. گوگۇل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئېرىك شىمىت ئاگاھلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتقا قول تىقىشى ئۇنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تورمۇزلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى فرانسىيىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم پرىنسىپلارنىڭ بىرى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ھۆر، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ئىنتېرنېت سىستېمىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون خانىمنىڭ مەسلىھەتچىسى ئالىك رۇس پارىژدىكى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى شەرھلىگەن.

ئامېرىكىدىكى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى مۇتەخەسسىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندى ئىنتېرنېت ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇنى ئۈرۈمچى «5 ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇزۇن مەزگىل توسۇپ قويغىنىدەك ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ‏ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭچە، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئۇنىۋېرسال مەسىلە. بۇ ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچىمىنىڭ بىر قىسمى. ئۇنىڭ تۈپ نېگىزلىك مەزمۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئەھدىنامىسىدە قەيت قىلىنغان ئىنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت ئالاقىسىدىكى تېخنىكىلىق ھالقىلار پەقەت بىر ۋاسىتىلا خالاس. بۇ خۇددى ياخشى ئادەملەرنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى، يامان كىشىلەرنىڭ يامان ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە ئىنتېرنېتنى قانداق ئىشلارغا قوللىنىش يەنىلا ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسە، بىراق ئىنتېرنېتنى يامان ئىش ئۈچۈن قوللانغانلار، ئۇنىڭغا چەكلىمە قويۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.»