ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت يەنىلا تاقاقلىق ھالەتتە تۇرماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ھەم خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىقلىرى كۈچەيگەنلىكى سەۋەبىدىن، بۇ ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېرنېت يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.01.29
Urumchide-atilar-bayrimi-305 21 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ " ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ " ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ " ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ" ﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.diyarim.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.diyarim.com ﻧﯩﯔ.

شۇنداقلا، ئۇيغۇر تور بەتلىرى تاقاقلىق ھالەتتە بولۇپ، بۇ تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

گەرچە ئۆتكەن ھەپتە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۈزۈۋېتىلگەن تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خەلقئارا تېلېفون ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسى يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەن. شۇنداقلا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ كېلىپ چىقىشىدا قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن" ئۇيغۇر بىز"، " دىيارىم"، " سەلكىن" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىپ، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى 7 ئايدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۈگۈن خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۆز تور بېتىدە "شىنجاڭدا ئىنتېرنېت تېخىچە ئەسلىگە كەلمىدى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە، "ئۇيغۇر بىز"، "دىيارىم"، "شەبنەم"، "سەلكىن"، "ئۇلىنىش"، "ئۆز ماكان" قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ تېخىچە ئېچىلمىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرئەلى، ئوبۇلقاسىم، مۇھەممەت قاتارلىقلارنىڭ تېخىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىپ بۇ رايوننىڭ تاشقى ئالەم بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقاپ، تور باشقۇرغۇچىلىرىنى كىشىلىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيىبلىنىپ، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق '5 - ئىيۇل ۋەقەسى'دىكى مەسئۇلىيەتنى ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە ئارتىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تاقاپ، بۇ رايوننىڭ دۇنيا بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلەيمىز،" دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تېلېفوندا ئۇچۇر يوللاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا قاراتقان نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، 17 - يانۋار كۈنى، 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەم جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بولغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللىدى" دېگەن باھانىلەر بىلەن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

بۈگۈن "دىيارىم" تور بېتىنىڭ چەتئەللەردىكى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "دىيارىم" تور بېتىنىڭ ساھىبى بولغان ئىنىسى دىلشات پەرھات قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھېلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئىنىسى قاتارلىق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ "خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى"، " كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى"، ب ب س قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا مۇراجىئەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى ھازىر خىتاي خەلقئاراغا ئېلان قىلغان 2 - ئاينىڭ 1 - ھەپتىسىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا قارىتا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى ئېچىۋەتكەن ھالەتتىمۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.

دىلمۇرات پەرھات ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ھازىر ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەم 30 دىن ئارتۇق تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيە ئۆزگەرتىش باھانىسىدە ھېلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەھۋالنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارغا ئىنكاس قىلغانلىقىنى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتايدىكى ئىنتېرنېت قامالىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولماستىن، بەلكى ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكرات دۆلەتلىرى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان گوگۇل شىركىتى خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقىلىرىنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ، خىتاي بازىرىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئىنتېرنېت قامالى خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى.

22 - يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون خانىم خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەپ خىتاينى پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.