ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «خاففىڭتون پوچتىسى» گېزىتىدە بۈگۈن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىگە «ئايال، ئانا، ئائىلە ۋە مەھەللە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ماقالىنى ئامېرىكىلىق فوتوگراف ۋە رەسسام مارلا موسمەن خانىم يازغان. مارلا موسمەن خانىم قەدىمىي يىپەك يولى ئۈستىدە ياشايدىغان مىللەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «تىنچلىق كارۋىنى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ خىزمەت پىلانلىرى ئاساسىدا يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تونۇش ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
مارلا خانىم بۇ ھەقتىكى ماقالىسىگە، ئۆزى ئالدىنقى ھەپتە قاتناشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى فوندى جەمئىيىتى ۋە باشقا چوڭ شىركەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خەلقئارادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بىر يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق باشلىغان بولۇپ، ئۇ، نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى ۋە داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلار ۋە نۇرغۇن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا دۇنيا مىقياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، ئەمما ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مائارىپ شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانىدىكى ساغلاملىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان مۇشۇنداق بىر يىغىندا بولسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-ئاياللارنىڭ مەسىلىسى ئالدىنقى ئورۇندا مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىنغان بىر يىغىندا مەن جۇڭگونىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىلمىغانلىقىغا قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى قەشقەر شەھىرى «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» قىلىپ ئۆزگەرتىلىشكە باشلىغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى يوقىلىش گىردابى ئاستىدا تۇرماقتا.
مارلا خانىم، قەشقەردىكى قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» سېلىش قۇرۇلۇشى ئاستىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن، ھازىر قەشقەردە قەدىمىي توپا ئۆيلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، يىپەك يولىنىڭ تارىخى ئىزنالىرى بولغان قەدىمىي ئۆيلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى ئاستىدا ۋەيران بولغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بولغان ئىزنالار يوقاپ كېتىش گىردابىدا تۇرغان بىر شارائىتتا تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسى ئاستىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يەتكۈزۈشتىكى رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-مەن «تىنچلىق كارۋىنى» ئىش پىلانى ئاستىدا قەشقەردە ئېلىپ بارغان زىيارىتىم جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ ئاياللار ئارقىلىق ياشاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ئاياللار مەركەزدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدىكەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا گۈللەپ ياشنايدىكەن. مەسىلەن، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە قىز-ئوغۇللار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تاللاپ بەرگىنىگە كۆنىدىكەن. يېڭى ئۆيلەنگەن كېلىنچەك ئادەتتە ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ، قېينانىسىدىن ئائىلىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى، يولدىشى ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىدىكەن. بۇ يېڭى ئەر-ئاياللار ئەگەر خالىسا بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئۆزلىرى مۇستەقىل ياشاش ئۈچۈن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىدىكەن.
مارلا خانىم، قەشقەر بەشكېرەمدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋە ئۆزى تونۇشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئەھۋاللىرىدىن، قېيىنئانا-كېلىن مۇناسىۋەتلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىدىن مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر بەشكېرەمدە ياشايدىغان شادىبە ئىسىملىك ئايال ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
-شادىبە ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال لايدىن قوپۇرۇلغان ئۆيىدە يالغۇز ياشايدىغان بولۇپ، ئۇ ماڭا كۆز ياشلىرى ئىچىدە ھايات ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەندە كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى. ئۇنىڭ بىرمۇ بالىسى يوق بولۇپ، يولدىشى ئۇنى خېلى بۇرۇنلا تاشلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ شۇندىن بېرى ئۆزى يالغۇز ئىنتايىن قېيىن بىر شارائىت ئاستىدا پەقەت قوشنىلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇيغۇر يېزىلىرىدا مانا بۇنداق ئەھۋاللار خېلى كۆپ ئۇچرايدىكەن.
مارلا خانىم ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە كىيىنىش ئادەتلىرى ۋە كىيىملىرىنىڭ رەڭگىنىڭمۇ ئادەتتە ئانىنى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ رولىنىڭ چوڭلۇقىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
ماقالىنىڭ ئاپتورى مارلا موسمەن خانىم نيوركتا قۇرۇلغان «تىنچلىق كارۋىنى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ فوندى جەمئىيەتنى 1996-يىلى قۇرغان. ئاساسلىق نىشانى يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇش بولۇپ، ئۇلار قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ قەدىمدە پەقەتلا بىر سودا-تىجارەت يولى بولۇشتىن باشقا يەنە، ئوخشىمايدىغان خەلق ۋە ئوخشىمايدىغان دىنلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشىنى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، ھازىرقى دۇنيانىڭ مانا بۇ خىل روھقا ئېھتىياجى بارلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش، پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر-بىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئېھتىياجى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.
مارلا خانىم بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان نۇتقىدا ھازىر يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇش ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مانا بۇلارنى تونۇتۇش ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن بۇ فوندى جەمئىيەتنى قۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يىپەك يولى ئۈستىدىكى ھىندىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن رايونلىرى دەپ تىلغا ئالغان قەشقەر ۋە خوتەندە بولسا ھەتتا تاش يولنىڭمۇ كەم ئۇچرايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ قېيىن شارائىتلاردا ياشايدىغانلىقىنى، ئىشلەپ چىقىرىش ئۇسۇللىرىنىڭمۇ ئىپتىدائىي ۋاسىتىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلەرگە ۋە يىپەك يولىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارمۇ ئېشىپ بارماقتا. بۇ فوندى جەمئىيەتمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى غەيرىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداش كومىتېتى ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، ئىلگىرى بۇ خىل تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.