«شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قۇملۇقتا غايىب بولدى»

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىۋاتقان ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى خوتەندە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال خوتەنگە مۇخبىر ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن مەزكۇر گېزىتتە خوتەندىكى ئومۇمى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. «شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قۇملۇقتا غايىب بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىنى مەزكۇر گېزىتنىڭ خوتەنگە ئەۋەتكەن مۇخبىرى كاترىن ھىل يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ رايوندا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى سېلىشتۇرما قىلىنغان.

ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كاترىن ھىل «شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قۇملۇقتا غايىب بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تېخى يېقىندىلا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن خوتەننىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى» بويىچە جېجياڭ ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەنلىكى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى خوتەندە ئىنشا قىلىۋاتقان سانائەت رايونى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئىككى كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى ھەققىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-بۇ سانائەت رايونى خوتەندە ئىش ئىمكانى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەنگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر قىسىم ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان. ئەمما خوتەن دائىرىلىرى ماڭا خاڭجۇ كوچىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كوچىدىكى زاۋۇت-فابرىكا ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سېتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇ سانائەت كوچىسىدا نە بىر ئادەم، نە بىر ئاپتوموبىل كۆرمىدىم. ئىگىلىشىمچە، بۇ سانائەت رايونىنىڭ ئورنى ئەسلىدە ئۆي بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قاشتېشى سودىگەرلىرىدىن تارتىۋېلىنغان ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاينىڭ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما تۈركىي تىلدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياشاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
-شىنجاڭدىكى ھېچقانداق بىر جاي، رايوندىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ۋە بېيجىڭنىڭ ئۇنى ھەل قىلىشتا ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى خوتەندەك روشەن يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ. 2 مىليون نوپۇسنىڭ 96 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولغان خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ نامرات جايلارنىڭ بىرى. خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 70 پىرسەنتتىن ئوشۇقىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ سانائەت ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىش تېپىش ئىمكانىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى، نۇرغۇن كىشىلەر خوتەندىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىيىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە كېلىدىكەن، ئەمما ئۇلار بۇ يەردىمۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارغا ۋە ياكى خىتاي رىقابەتچىلىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى جەنۇبتىن چىققان دەل مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ماقالىسىنىڭ داۋامىدا، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» سىياسىتى بويىچە جىجياڭ ئۆلكىسى خوتەندە سالغان بۇ سانائەت رايونىنىڭ خوتەن خەلقى ئۈچۈن ھېچبىر ئىش قىلىپ بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان مۇخبىر كەتلىننىڭ ئېيتىشىچە، خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ سانائەت رايونىنى قۇرۇش ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 40 مىليون يۈەن يەنى 6 مىليون دوللار مەبلەغ سالغانلىقى ۋە ھازىرغىچە 27 فابرىكىنىڭ ئىش باشلاپ، خىزمەت پۇرسىتى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە يارىتىلغان ئىش سانى ئاران 500 ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سانائەت رايونىدا 27 فابرىكا ئەمەس، پەقەت بىر ئۇيغۇرچە مىللىي تېبابەت دورىلىرى فابرىكىسى ۋە بىناكارلىق ماتېرىياللىرى تەمىنلەيدىغان دۇكاننىلا كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ماقالىدە، ياقا يۇرتلۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنى خوتەنگە جەلپ قىلىدىغان بىردىن‏-بىر نەرسىنىڭ خوتەن قاشتېشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سانائەت رايونىنىڭ دەل كىشىلەر قاش تېشى كولايدىغان يورۇڭقاش دەرياسى قىنىغا سېلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاپتور بۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن:

ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قاشتېشى سودىگىرى ماڭا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتى بىزگە قىلچىلىكمۇ نەپ ئېلىپ كەلگىنى يوق، ئۇلار ئەكسىچە، بىزگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەرنى ئەپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى. بۇ ئۇيغۇرنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھۆكۈمەت سانائەت رايونى ياساش ئۈچۈن دەريانىڭ نۇرغۇن قىسمىدا قاشتېشى كولاشنى مەنئى قىلىۋەتكەنلىكتىن، ئۇ ھازىر ئىلاجسىز ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، دەريانىڭ تار يېرىدە قاشتېشى كولاشقا مەجبۇر بولغان.

مۇخبىر ماقالىسىدە، ھازىر جېجياڭدىن ئېشىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭمۇ خوتەننىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بىر ئۇيغۇرنىڭ «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قانداق قىلسام بۇ يەردىن پايدا ئالارمەن دېگەننىلا ئويلايدۇ» دېگەنلىكىنى مىسال كەلتۈرگەندىن كېيىن، گەرچە خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەزىيەتتىن ئۈمىدۋار ھالدا گەپ قىلسىمۇ، ئەمما تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتى چىرىكلىك ۋە يەر ماجىرالىرىنىڭ ئارتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.