ھۆرمۈز بوغۇزى تاقالسا نېمە بولىدۇ؟

ئىران 7 ‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 'ۋاشىنگتون خەۋەرلىرى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ سىناق تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئىران بۇ سىناقتا مۇساپىسى 1200 كىلومېتىرلىق شاھاب - 3 بەلگىلىك ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندىن كېيىن ۋە ئىران بۇنداق سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلەپ چىققان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولدى. ھازىر ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرماقتا.

ئامېرىكا بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى كوندالىزا رايس خانىم گروزىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ 'ئامېرىكا بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى قوغدىيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئامېرىكا پارس قولتۇقىدا ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك كۈچىنى كۈچەيتىپ بولغان، بۇ رايوندا ھازىر بىخەتەرلىك مەۋجۇت. ئىران ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك قابىلىيىنى بىلىشى كېرەك' دېگەن.

جورج بۇش يەنىلا ئىرانغا دىپلوماتىيە شەكلىنى قوللىنىشنى خالايدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر خىل ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەنىلا ئىران بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىيە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش شەكلىنى قوللىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىران چۇقۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى، بولۇپمۇ يادرو قوراللىرى ياساش پىلانىنى توختىتىشى كېرەك، دەپ جاكارلىغان.

خىتاي بۇ رايوندا مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان تەدبىر قوللىنىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ 'ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ. بىز بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چوقۇم بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان تەدبىر قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز' دېگەن.

ئىسرائىلىيە تېز ھەرىكەت قوللىنىشقا تەييار

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران بۇنىڭدىن بۇرۇن 'ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن ئۆچىرىۋېتىمىز' دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئىسرائىلىيە ھازىر ئىراننى ئاللىقاچان يادرو قوراللىرى ياساشقا باشلىدى، دەپ قارايدۇ. ئىران بۇ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاھۇت باراك ' بىز بىخەتەرلىكىمىزگە ئېغىر زىيان يېتىدىغان ھەر قانداق ئەھۋالغا قارىتا، ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېز ھەرىكەت قوللىنىشقا ھامان تەييار' دېگەن.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قوماندانى ئۆتكەن ئايدىلا، ئەگەر ئىران ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، پارس قولتۇقىدىكى خەلقئارالىق يېقىلغۇ توشۇش يولى بولغان ھۆرمۈز بوغىزىنى قامال قىلىدۇ' دەپ جاكارلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىران بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ - قارشىلىق كەسكىنلەشتى. نېفىت باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، ھازىرقىدەك بىر بارىل نېفىت 140 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ئامېرىكا دېڭىز قىسىملىرى ئىراننىڭ ھۆرمۈز بوغىزىنى قامال قىلىشىغا يول قويمايدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھازىر ئىراننىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى 'ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى' دەپ قارىغان ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بەشىنچى پىلوتىنڭ كوماندىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ 'ئىراننىڭ ھۆرمۈز بوغىزىنى قامال قىلىشىغا يول قويمايمىز' دەپ جاكارلىغان.

فرانسىيە مەبلەغ سېلىشنى توختىتىدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيىنىڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرى سىياسىي خەتەر ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىرانغا مەبلەغ سالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ھۆرمۈز بوغۇزىغا دائىر ئۇچۇر ئارخىپلىرى

ھۆرمۈز بوغۇزىغا دائىر ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ھۆرمۈز بوغۇزى پارس قولتۇقى بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان بىردىن ‏ - بىر سۇ يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل. بۇ بوغۇزنىڭ شىمالى ئىرانغا، جەنۇبى ئوممانغا چېگرىداش. ھىندى ئوكياندىكى ھەر قانداق پاراخوت بۇ بوغۇزدىن ئۆتمەي پارس قولتۇقىغا كىرەلمەيدۇ.

بۇ بوغۇز قەدىمقى يۇنان دەۋرىدىلا 'ھۆرمۈزىيا' دەپ ئاتالغان. ئەرەبلەر 12 ‏ - ئەسىردە بۇ رايوندا ھۆرمۈز خانلىقى قۇرغاندا، بۇ بوغۇزنىڭ نامى ئەرەبچە تەلەپپۇز بىلەن قوللىنىلغان، كېيىن بۇ بوغۇز 15 ‏ - ئەسىردە پورتۇگالىيىنىڭ، 16 - ئەسىردە ئەنگىلىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بايقالغاندىن كېيىن، ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە ھەر يىلى ئوتتۇرا شەرقنىڭ 750 مىليارد توننا نېفىتى بۇ بوغۇز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا توشۇپ كېتىلىدىغان بولدى. بۇ بوغۇز ھازىر ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت توشۇيدىغان بىردىن ‏ - بىر سۇ يولىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئۆتكەل بولۇپ تۇرماقتا.