ئىران ئۆزى قويۇلدۇرۇۋاتقان ئۇرانلارنى تۈركىيىگە يۆتكەپ ساقلاشقا قوشۇلدى

ئىران ئۆزى قويۇلدۇرۇۋاتقان ئۇرانلارنى تۈركىيىگە يۆتكەپ ساقلاشقا ماقۇل كەلدى. ھالبۇكى، بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ مەزكۇر كېلىشىمگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.05.18
iran-missile-test-305 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئىراننىڭ مەزكۇر يېڭى تەدبىرگە قوشۇلغانلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئىران مەسىلىسىدە يەنىلا ئاكتىپ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننى مەزكۇر پىلانىدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگو قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۈشەنبە كۈنى، ئىران دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئىمبارگوسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ۋە برازىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەدبىرگە قوشۇلدى.

كېلىشىمدە، ئىران تۆۋەن دەرىجىدە قويۇلدۇرغان 1200 كىلوگرام ئۇراننى تۈركىيىنىڭ ساقلىشىغا تاپشۇرۇش ۋە بىر يىل ئىچىدە باشقا دۆلەتلەردە قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى ئىرانغا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىران ئۆزى قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانلارنى تۈركىيىگە يۆتكىگەندىن كېيىن، فرانسىيە ۋە رۇسىيىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانلارنى ئىمپورت قىلىپ، يادرو يېقىلغۇسى قىلىدىكەن.

ئىراننىڭ مەزكۇر كېلىشىمگە قوشۇلغانلىقى خىتاي تەرەپنى خۇرسەن قىلغان. دۈشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە، برازىلىيە ۋە ئىراننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: " بىز بۇنىڭ مەسىلىنى تىنچ يوسۇندا، دىئالوگ ۋە كېلىشىش يولى بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو ھەر زامان دىئالوگ ۋە كېلىشىشنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىپ كەلدى".
 
ھالبۇكى، تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراننىڭ مەزكۇر يېڭى ھەل قىلىش چارىسىگە قوشۇلۇشى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ مەيدانىدا كۆپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدى. بۈگۈن ئاقساراي باياناتچىسى روبېرت گىببس ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئۆز ۋەدىلىرىدە تۇرالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ زۆرۈر تېپىلسا ئىرانغا قارىتا ئېمبارگو قويۇشقا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇ تەكلىپ خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيە ئورگىنىغا باھالاشقا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇنداقتا خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى كۆرۈپ چىقالايدۇ. ئەمما بۇ، بىزنىڭ ئىراننىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قارىتا ئالغان قەدەملىرىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ ئېمبارگو قويۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى باياناتچىسى داۋىد كامېروننىڭ باياناتچىسى ستېۋﯤ فېيىلد "بىزنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى مەيدانىمىز ئۆزگەرمىدى" دېدى. فرانسىيىمۇ ئوخشاش مەيداننى ئىپادىلىدى.
 
مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا تۈركىيىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ تۈركىيىنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئىراندا قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى 3.5 پىرسەنت بولۇپ، يادرو قوراللىرى ياساشقا دەرىجىسى توشمايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، يادرو قوراللىرى ياسىلىدىغان ئۇراننىڭ ساپلىق دەرىجىسى 90 پىسەنت ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئىران ئۆزى قويۇلدۇرۇۋاتقان ئۇرانلارنىڭ پەقەت يادرو ئېنېرگىيىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

بۇ يىل مارتتا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ئىراندا 2 مىڭ 100 كىلوگرام قويۇلدۇرۇلغان ئۇران بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئىران قويۇلدۇرغان ئۇراننىڭ ساپلىقى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق ساپلاشتۇرۇلسا يادرو قوراللىرى ياساشقا يېتىپ ئېشىپ قالىدىكەن.

كېلىشىمدە كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئىران بىر يىل ئىچىدە باشقا دۆلەتلەردىن يادرو يېقىلغۇسى تاپشۇرۇپ ئالمىسا، تۈركىيە ساقلاۋاتقان ئۇرانلارنى دەرھال ئىرانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.

ئىران دائىرىلىرى ئەگەر ئالماشتۇرۇش نەتىجىلىك بولمىسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۇرانلارنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

ھالبۇكى، ئالماشتۇرۇشنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.