مەلۇم بولۇشىچە، ئىران ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئالغان بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى ئەخمەدى نېجاد ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادە مەلۇمات بېرىدۇ.
ئىراندا ئاتاغلىق ئۆكتىچى دىنىي لىدېر ئايەتۇللا ھۈسەيىن ئەلى مۇنتازارېنىڭ ۋاپاتى بىلەن باشلانغان جىددىي ۋەزىيەت توقۇنۇشقا ئايلاندى. يەكشەنبە كۈنى شىئەلەرنىڭ مۇھىم بايرام كۈنىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا ھازىرغىچە ئەڭ ئاز 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 6 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەھمەدى نېجادنىڭ رىقابەتچىسى بولغان ئۆكتىچى لىدېر مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىنىڭ جىيەنى سەيىد ئەلى مۇسەۋىمۇ بار. ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ب ب س مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ جەسىتى تېخى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلمىغان بولۇپ، يەرلىككە قويۇشىغىمۇ ھازىرچە رۇخسەت بېرىلمىگەن.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ كۈنى نامايىشچىلار ئەھمەدى نېجاد ۋە دىنى لېدىر ئايىتۇللاھ ئالى ھامەينىيگە قارشى شۇئارلار توۋلىغان. ساقچىلارنىڭ نامايىشچى ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش باشلانغان. توقۇنۇشتا ئاپتوموبىللار ۋە بىنالار ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈلگەن، يول بويىدىكى بىنالارنىڭ دېرىزىلىرى چېقىۋېتىلگەن. قاتتىق غەزەپلەنگەن ئۆكتىچىلەر شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغ كۈنىدە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ئوققا تۇتۇشىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەخمەدى نېجاد ھاكىمىيىتىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ب ب س'نىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئەھمەدى نېجاد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش 6 - ئايدىكى سايلامدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنىڭ ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدىكەن. ساقچى دائىرىلىرى نامايىشتىن كېيىن 300 ئەتراپىدا نامايىشچىنى ۋە بىر قىسىم مۇھىم ئۆكتىچىلەرنىمۇ قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆكتىچى لىدېر مۇسەۋىنىڭ باش ياردەمچىلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.
ئىراندا بۇ يىل 6 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەھمەدى نېجات قايتا سايلىنىپ چىققاندىن كېيىن خەلق سايلام نەتىجىسىدىن رازى بولماي، ئەھمەدى نېجاتنىڭ ساختىپەزلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە سايلامنىڭ قايتا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان. نامايىشلاردا ھۆكۈمەت ۋە نامايىشچى ئامما ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ئەمما ئەھمەدى نېجات سايلامنى قايتا ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىغا يېقىن كەلمەي، بۇنىڭ ئورنىغا نامايىشچىلارنى قاتتىق باستۇرغان ۋە ۋەقەلەردە غەربنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربنى ئىراننى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بولسا ئەھمەدى نېجاتنىڭ غەربنى ئەيىبلىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى، غەربنىڭ ئىراندا خەلقنى قوزغاتقۇدەك تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئىران خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بولۇۋاتقان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
6 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، گەرچە ۋەزىيەت بىر ئاز تىنجىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ھەپتە بۇرۇن ئىراننىڭ داڭلىق ئۆكتىچى دىنى لىدېرى ئايىتۇللاھ ھۈسەيىن ئەلى مۇنتازارېنىڭ ۋاپات بولۇشى ۋە ئۇنىڭ يەتتىسىنىڭ شىئەلەرنىڭ قۇتلۇق دىنىي كۈنىگە توغرا كېلىشى ۋەزىيەتنى قايتىدىن جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئۆكتىچى دىنىي لىدېر مۇنتازارى 1922 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىراندىكى شاھ تۈزۈمىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھەپسىگە ئېلىنغان. كېيىن 1997 - يىلى ئىراننىڭ دىنى لىدېرى ھامەينىينى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن 7 يىل ئۆيگە ھەپىسىگە ئېلىنىپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى مەدرىسە تاقىۋېتىلگەن، ئىشخانىلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئەمما مۇنتازارى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن 2009 -يىلى 6 - ئايدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدىن كېيىن ئەخمەدى نېجادقا قارشى سۆزلەرنىمۇ قىلىپ ئۆكتىچى ھەرىكەتنى قوللىغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇم بولۇشىچە، ئۆكتىچى دىنى لىدېر مۇنتازارىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۈتكۈل شەھەردە قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ، كىشىلەرنىڭ جىنازە نامىزىغا قاتنىشىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلغان. چەتئەللىك مۇخبىرلار كىرگۈزۈلمىگەن، ئېنتېرنېت ئالاقىلىرى ئۈزۈۋېتىلگەن.
ئىراندا مەيدانغا كەلگەن بۇ يېڭى ۋەقەلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى بىردەك ئىراننى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئاق سارىيى ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن : "ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەق - ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئىران خەلقىنىڭ باستۇرۇلۇشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەرىكەت."
فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ۋەقە ھەققىدە بايانات بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان خەلقنى باستۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر بولسا 6 - ئايدىكى سايلام بىلەن باشلانغان بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەقەتلا سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغان - قىلىنمىغانلىق ۋەقەسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈزۈمنىڭ ئەبەدىيلىكى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارغا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى سىنان ئوگان ئەپەندى ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ نامايىشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق دېيشنىڭ قېيىنلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەدى نېجات ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش يولىنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
دەرۋەقە، ئەھمەدى نېجات بۇندىن كېيىن نامايىش قىلغانلارنى "دۆلەت تۈزۈمىنى گۇمران قىلىشنى مەقسەت قىلىش" جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ قېتىملىق نامايىشنىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇردى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادىي چىقىم مەيدانغا كەلگەن. ھۆكۈمەت تەرەپ بولسا ئۆزلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بىر ئۇچۇم گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.