ئىران ئارمىيىسى بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلارنىڭ سۈرىيىدىكى جىنايەتلىرى
2012.05.07

ئۇزۇندىن بېرى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە سۈرىيە خەلقىنىڭ نامايىشىنى باستۇرۇشتا ئىراننىڭ قولى بار دەيدىغان خەۋەرلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. ئەمما كىشىلەر ئەرەب-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن، بۇ تۈردىكى خەۋەرلەرگە ئانچە كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىگەندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما ئىران ئارمىيىسى بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلارنىڭ سۈرىيىدىكى جىنايەتلىرى دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا خېلى كۈچلۈك ئىنكاسلار بولماقتا.
كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىلى 4-ماي كۈنىدىكى سانىدا، «ئىران ئارمىيىسى بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلارنىڭ سۈرىيىلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى» دېگەن تېمىدا ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە، ئىران ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سۈرىيە تېررىتورىيىسىگە كىرىپ، لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلار بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە خەلقىنى ئۆلتۈرۈش، نامايىشچىلارنى باستۇرۇش، نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشنى رەت قىلغان سۈرىيە ئەسكەرلىرىنى ئېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى رەسىملەر، شەخسلەرنى ئىسىملىرى ۋە بارلىق دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن پاش قىلىنغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سۈرىيىگە كىرگەن ئىران ئارمىيىسىگە سۈرىيە دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن مەخسۇس كىنىشكا بېجىرىپ بېرىلگەن. ماقالىدە كىنىشكىنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن بولۇپ، كىنىشكىدا «مەزكۇر شەخس سۈرىيە ۋە لىۋاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە ئەركىن كىرەلەيدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە تامغىنىڭ ئاستىغا «سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى» دەپ يېزىلىپ ئىمزا قويۇلغان.
ئىلگىرىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ئەھۋالنى سەزگەن
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2011-يىلى 6-ئاۋغۇست كۈنىدىكى دوكلاتىدا، ئىران ئارمىيىسى بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشنى رەت قىلغان سۈرىيە ئەسكەرلىرىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. يەنە 2011-يىلى 13-ئاۋغۇست كۈنى لىۋان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە، سۈرىيە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس كىنىشكىسىنى كۆتۈرۈۋالغان قوراللىق بىر قانچە گۇرۇپپا ئىرانلىقنىڭ لىۋان چېگراسىدا تۇتۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇندىن باشقا سۈرىيىدە نامايىشچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان مىللىي كومىتېتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدىمۇ قوراللىق ئىرانلىقلارنىڭ ھىزبۇللاچىلار بىلەن بىرلىكتە نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.»
سۈرىيىلىكلەر قاتىللارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «تۈركىيىنىڭ ھاتاي شەھىرىدىكى، لىۋاننىڭ چېگرا رايونىدىكى ۋە ئىئوردانىيىدىكى سۈرىيىلىكلەرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، ئىران ئارمىيىسى بىلەن لىۋاندىكى ھىزبۇللاچىلارنىڭ سۈرىيىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنى ياكى ئۇلارغا ئوق ئېتىشنى رەت قىلغان ياكى نامايىشچىلارغا ھېسداشلىق قىلغان سۈرىيىلىك ئەسكەرلەرنى ئارقىدىن ئېتىپ تاشلاش بولۇپ، نامايىشچىلارمۇ ئۇلارنى ئېنىق بىلىدىكەن. ھەتتا تۈركىيە، لىۋان ۋە ئىئوردانىيىلەرگە قېچىپ چىقىپ پاناھلىنىۋاتقان سۈرىيىلىكلەر ئىرانلىقلار بىلەن ھىزبۇللاچىلارنىڭ جىنايەتلىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئىكەن.»