ئىراندا نېمە بولۇۋاتىدۇ ؟

ئىراندا 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇمھۇر رەئىسىلىك سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، گەرچە سايلامدىن بۇرۇنقى راي سىناشلاردا ئەھمەدى نىجاتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبلىرىدىن بىرى بولغان مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىنىڭ سايلامدا ئۇتۇۋېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سايلام نەتىجىسىدە ئەھمەدى نېجاتنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىق گۇمانلىرىنى قوزغىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

چۈنكى مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىنىڭ ئىراندىكى شەھەر نوپۇسىنىڭ، ياشلارنىڭ شۇنداقلا ئاياللارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئىراندا ياشلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئىران نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا ئاياللارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەرلەرگە نىسبەتەن كۆپلۈكى نوقتىسىدىن قارىغاندا ، سايلامدا ئەھمەدى نىجاتنىڭ مۇسەۋىدىن ئىككى قات يۇقىرى ئاۋاز ئېلىشى كىشىلەردە سايلامدا ساختىپەزلىك قىلدى دېگەن گۇماننى پەيداق قىلغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە سايلام بېلەتلىرىنىڭ قايتا سانىلىشى تەلىپى بىلەن باشلانغان نامايىشلار ئەۋج ئېلىپ شەنبە كۈنى نامايىشچىلار بىلەن ساقچى ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 17 كىشى ئۆلدى. توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ۋەقەنى خەۋەر قىلىۋاتقان چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى دۈشمەن كۈچلەر قاتارىدا قوغلاندى قىلىندى، بەزىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن تېخى خەۋەر يوق. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئېنتىرنېت ئىشلىتىش ۋە قول تېلېفون لىنىيىلىرىمۇ كونترول ئاستىغا ئېلىندى.

بۇ جەرياندا يەنە، نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇندىن بۇرۇنقى جۇمھۇر رەئىسى مۇھامەت خاتەمىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىنتايىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەسلىھەتچىسى سائىد ھاجارىيان ۋە سابىق دۆلەت باشلىقى مۇئاۋىنى مۇھاممەت ئالى ئابتاخى ۋە بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ لىدېرلىرىمۇ قولغا ئېلىندى. جۈمە كۈنى بولسا ئىراننىڭ دىنىي لىدىرى ئايەتۇللاھ ئالى ھامېينينىڭ جۈمە نامىزىدا نامايىشلارنى توختىتىش توغرىسىدا قىلغان چاقىرىقىغا قارشى نامايىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى سايلامنىڭ يەنە بىر دىققەت تاتقان نۇقتىلىرىدىن بىرى بوپ قالدى.

بۈگۈن ئۆكتىچى لىدېر مىر ھۈسەيىن مۇسەۋى سايلامغا قارشى نامايىشلارنىڭ داۋام قىلىش چاقىرىقىنى قىلدى، ئەمما نامايىشچىلاردىن شىددەت قوللانماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت تېھراندىكى نامايىشچى ئامما بۈگۈن ئۆگزىلەرگە چىقىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى داۋام قىلغان. ئەھمەدى نىجاد بولسا ۋەقەلەرنى غەربنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، غەربنى يامان غەرەز بىلەن ئىراننى قالايمىقان قىلىش ۋە بۆلۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بولسا، بۇنىڭ غەرب بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ، بۇنىڭ تامامەن ئىراننىڭ ئۆز ئىچىدىن پەيدا بولغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى دېمەكتە.

بىز ئىراندىكى نامايىش ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىسىتراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-- ھۆرمەتلىك سىنان ئەپەندى، سىزچە بۇ ئىراندىكى ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى نېمە ۋە بۇ قايسى يۆنىلىشكە كېتىۋاتىدۇ؟

-- بۇ ۋەقەلەر ھازىر تۈزۈم بىلەن بولغان كۈرەشكە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. باشلانغۇچتا بۇ پەقەت جۇمھۇر رەئىسلىك رىقابىتى ۋە تۈزۈم ئىچىدىكى بىر كۈرەش ئىدى. ئەمما جۈمە نامىزىدا ئىراننىڭ دىنى لىدېرى ئالى ھامېينېينىڭ سايلامنىڭ غالىبىنىڭ ئەھمەدى نىجات ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بىر تىل بىلەن ئىپادە قىلىشى ۋە ئۇنىڭ نامايىشلارنىڭ توختىشىنى تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ ئورنى ۋە كۈچىنى تالاش - تارتىش نوقتىسى قىپ قويدى. بۈگۈن بۇ ئىراندىكى ۋەقەلەر پەقەتلا سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭمۇ نېرىسىدا تۈزۈمنىڭ ئەبەدىيلىكى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارغا قاراپ ماڭدى دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە مىر ھۈسەيىن مۇسەۋىمۇ بۇ سېستىمىنىڭ ئادىمى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىيات جەريانى مۇسەۋىنىمۇ تۈزۈمگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارايدىغان بىر كىشى ھالىغا ئەكەلدى. يەنى شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئىراندا دۆلەت تۈزۈمى، رېجىم مۇنازىرە قىلىنىدىغان ھالغا كەلدى.

-- سىنان ئەپەندى، ئەھمەدى نىجات بولسا بۇ ۋەقەلەردە غەربنىڭ قولى ۋە بىر قىسىم تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ قولى بار، دەپ بۇ جەھەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟

‏-- گەرچە بۇ، كۆرۈنۈشكە ئوكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن رەڭلىك ئىنقىلابتەك كۆرۈنسىمۇ، رەڭلىك ئىنقىلاب ھەققىدە كىتاب يازغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆزەتكىنىمدە ، ئەسلىدە ھەقىقەتنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئىراندا غەربنىڭ تەسىرىنى كۈچلۈك دېيىشكە بولمايدۇ. ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە تەسىرى يوق غەربنىڭ. بۇ ئىراننىڭ ئۆز ئىچىدە پەيدا بولغان بىر ھەرىكەتتۇر. ئىراننى سىرتتىن قالايمىقان قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئىران پەقەت ئۆز ئىچىدىن قالايمىقان بولىدۇ. سايلامدا يولسۇزلۇق قىلىنغانلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن تۈزۈمنىڭ ئۆزىدە بارلىققا كەلگەن قالايمىقانچىلىق بۇ. تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ قولى بار دېيىشمۇ مەنتىقىلىق ئەمەس. چۈنكى ئەگەر دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆرىۋىتىشنى نىشان قىلغان تېررور گۇرۇپپىلىرى بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار بۇنداق ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىنى ھەقلىق قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا بۇمۇ ئېھتىمالدىن يىراق. ئىران سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىشى كېرەك، ئىران ئۆزىنى ئۆزى بۇ ھالغا ئەكەلدى.

ئىران نۇرغۇن ئېتنىك تەركىپلەردىن تەشكىللەنگەن بىر دۆلەت. ئىراندا 35 مىليون ئەزەرى تۈركى ياشايدۇ. بۇلاردىن باشقىمۇ ئېتنىك گۇرۇپپىلار بار. گەرچە بۇ خەلقلەر بۈگۈن شىئە مۇسۇلمانلىقى كىملىكى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا ئېتنىك مەسىلىلەرنىڭمۇ ئاستا ‏ - ئاستا سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

-- ئۇنداقتا بۇ قالايمىقانچىلىقلاردا ئىراندىكى ئېتنىك ئۇنسۇرلارنىڭمۇ تەسىرى بارمۇ ‏ - سىزچە؟

-- مەنچە يوق. ئىراندىكى ئەزەرى تۈركلىرىنىڭ قارىشىچە ، تۈزۈم ئۆز ئىچىدە بىر مۇجادىلە ھالىدا. بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولسا بولسۇن، بۇ ئىراندىكى ئەزەرى تۈركلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، 1979 - يىلىدىكى ھۇمەينى ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتلىرى ئىراندىكى ئەزەرى تۈركلىرى ئىدى. ئەمما ئىنقىلاب ئالدى بىلەن ئۆز بالىلىرىنى يەيدۇ، دېگەن بىر گەپ بار. بۇ گەپ شۇ قېتىمقى ئىنقىلابتا راس بولۇپ چىققان ئىدى. ھۈمەينىنىڭ ھاكىمىيىتى ئىراندىكى ئەزەرىلەرگە ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ئەپكەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ، تېخى ئۇلارنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئانا تىلىدىكى مائارىپ ھەققى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن ھەقلىرىنىمۇ يوق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئىراندىكى بۇ تۈركىي خەلقلەر شۇنداقلا باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋەقەلەرگە تېخى تولۇق ئىشتىراك قىلغىنى يوق.

-- سىنان ئوغان ئەپەندى، ئۇنداقتا بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرى نېمە بولار ، سىزچە؟

-- بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى تەخمىن قىلىش تەس. ئۇنداق ئاسان ئاياقلىشىدىغاندەكمۇ كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. ئەمما مەنچە بۇ ۋەقەلەر ئىككى خىل شەكىلدە ئاياقلىشىشى مۇمكىن. بىرىنچىسى، سايلامنىڭ قايتا ئېلىپ بېرىلىشى ، ئەمما بۇ بەك مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى سايلام قايتىلانغان ھالدا دىنىي لىدېر ئايىتۇللاھ ئالى ھامېينىينىڭ ئىتىبارى پۈتۈنلەي يوق بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ جۈمە كۈنى ئەھمەدى نىجادنى غالىپ ئېلان قىلىشى، ھېچبىر ئىتىبارىنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىتىبارى ۋە ئورنىنى تەۋرىتىپ قويدى. شۇڭا بۇ بەك مۇمكىن كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. ئىككىنچى خىل يول بەكرەك ئېھتىمالغا يېقىن، بۇ بولسىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى. ئىراندىكى تۈزۈمنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولغان ئەسكەرمۇ بۇنى ئېلان قىلدى. بۇندىن كېيىن نامايىش قىلغانلارنى دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆرۈشنى پىلان قىلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما كەڭ خەلققە تارقالغان بۇ قارشىلىقلارنى باستۇرۇش تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا باستۇرۇشمۇ غەلىبىلىك بولالمايدۇ.