ئەمما، ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ئاشكارىلانغان بىرقىسىم خەۋەرلەر، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ دەھشىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، ئۇيغۇر مىللىتىنى تونۇتۇشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىماقتا.
خىتاينىڭ تېلېفۇن، ئىنتېرنېتنى قامال قىلىپ، ب د ت نىڭ پۇقرالارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خالىغانچە تاجاۋۇز قىلىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماي، غەرب پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ نارازىلىقلار قوزغىغان.
گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىرانلىق زىيالىي ھەسرەت خانىم، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز جەريانىدا، ب د ت، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، خىتاينىڭ ئالاقە ئەركىنلىكىنى ھېلىغىچە دەپسەندە قىلىشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرىدىن يىرگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنى "4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى" ئارقىلىق تۇنجى قېتىم تونىغانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 5 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ "مەن ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتىگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولدۇم" دېدى.
ھەسرەت خانىم بۇ قايىللىقىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: خىتاي سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە غايەت زور بىر كۈچ. ئۇنىڭغا، ئومۇمى نوپۇسى 30 مىليونغا يەتمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ قارشى چىقالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار قارشى چىقتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن تۆكۈشكە رازى بولدى. ماڭا ئۇيغۇرلار توغرىلىق چۈشەنچە بەرگەن بىر دوستۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ ياشاۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە ھاياتى تارىخىدا بەك كۆپ قۇربان بەرگەنلىكىنى ۋە بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مۇشۇ قۇربان بېرىشلەر بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلار، ھازىرغا قەدەر مەۋجۇدلىقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولاتتى."
ھەسرەت خانىم يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12 - 14 - دېكابىر كۈنلىرى، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆردۈم. ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 30 ياشقا كىرگەنلەر يوقتەك قىلىدۇ. ياشلىرى بۇنچىلىك ئويغانغان بىر مىللەتنى تارىخ سەھنىسىدىن يوقىتىۋېتىش، ھەر قانداق كۈچلۈك زوراۋاننىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ. ھېچقانداق بىر مىللەت قىرىلىش بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ، ئىمانىغا، مەدەنىيىتىگە، تىلىغا ئىگە بولالىغان مىللەت، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىشكە ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشقا ھەقلىق!"
ھەسرەت خانىم، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىراندا ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىش دولقۇنى پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇشلىرى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: " بىز ئۇيغۇرلارنى تېخى ئەمدى تونىدۇق. بىر قىسىم ئەرەب ۋە ئىران ياشلىرى ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش يوللىرىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەلخەتلىرىمىزگە "ئۇيغۇرلارنى بىلەمسىز؟"، "دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقايلى!"، "قانغا بويالغان مۇسۇلمان تۇپرىقى" دېگەندەك تېمىلاردا ئۇچۇرلار كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپلەپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خالىس ياردەم قىلىدىغان كۈچلەر بار. بۇ كۈچلەرنى جەلىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەرىكەتچان بولۇشلىرى، مۇسۇلمان دۇنياسىغا بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشلىرى كېرەك. خىتايدىن تىترەپ ياشايدىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياردىمىدىن كۆرە، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىنىڭ رولى ئەلۋەتتە چوڭ."
ئىران نەسىللىك بۇ زىيالىي ئايال، سۆھبىتىمىزنىڭ خاتىمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبچە ۋە پارىسچە تەشۋىقات قوراللىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى، چوقۇم مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتا تەشۋىقات كۈرىشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا تەكىتلىدى.