ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بىئارام قىلماقتا (1)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا "ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر" نى تۈزۈپ چىقىپ، بىرىنچى يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

پىلان بويىچە 2014- يىلىغىچە تەدبىر ئېلىنىپ، 2009- يىلىدىن ئىلگىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە 2010- يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان 280 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ پىلاننىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەدبىرلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 90 مىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشنى ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ، 40 مىڭ نەپەرنى مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ، يەنە 18 مىڭ نەپەرنى دېھقانچىلىق -چارۋىچىلىق ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىشقا ئېلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش، يەنە باشقا 17 مىڭ نەپەرنى بولسا ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسىتىلگەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى بۇندىن خېلى ئىلگىرىلا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى،بۇنى ھەل قىلمىغان تەقدىردە رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خېلى بۇرۇنلا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن، ھەتتا چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۆز دوكلاتلىرىدا دەلىللىگەن ئىدى.

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالدى بىلەن " بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلە قالماسلىق" دېگەن نام بويىچە ئۈرۈمچى قاتارلىق ھەر قايسى شەھەر ۋە رايونلاردا ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، ھەرقايسى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلىشالماي قالغان ياشلارنى تىزىملىغان بولسا، ئەمدىلىكتە بۇ قارارغا ئاساسەن 2014- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 280 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟، بۇ پىلان قەغەزدە ئېيتىلغاندەك يولغا قويۇلامدۇ؟. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمايدىغان پىكىرلىرى بار.

بىز بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئالدۇق.