' ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلار ئىگىلىمەكتە '

قازاقىستان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇلارغا قانۇنى يوللار بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتى بېرىدىغان دۆلەت بولمىسىمۇ، لېكىن قانۇنسىز ياكى تۈرلۈك يوللار بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سانى خېلى بار.

بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ياش مۇخبىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ ئۇيغۇر ياش، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن دىنىي جەھەتتىن قاتتىق بېسىم كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش " نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايلارنىڭ ئىگەللەۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالمۇتادىكى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.