بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان 12- بەش يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىدا ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانىنى 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا، بۇ ئىككى پىلاننىڭ بىر - بىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايغا يۆتكىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشتا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى زىيان يەتكۈزۈش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش چاقىرىقى ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىش ئەھۋالى بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تاپالماي يەنىلا بىكارچى بولۇپ قېلىشى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئائىلىلەرگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە چەتكە قېقىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەدەپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا زور تەرەققىياتلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇن يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بەرپا قىلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە. 2004- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىگە يۈرگۈزۈشكە باشلىغان "يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" نامى ئاستىدا 1مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىم ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن بولسا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان 12- بەش يىللىق پىلاندا بۇ رەقەمنىڭ 11 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گەرچە كېيىنكى يىللاردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭغا تەتۈر تاناسىپ بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەركىن سىدىق ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى شۇنچە كۆپ ئىش ئىمكانى ئارىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن ئىچكىرىگە يۆتكەشنىڭ پۈتۈنلەي غەيرىي بىر نىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى بېرىلىشى، ئىچكىرىدىن كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.